پۇتبول تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى
بېيجىڭ ۋاقتى 10-ئاينىڭ 22-كۈنى سەھەر سائەت 2 دىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە ياۋروپا ئۇزغۇنلۇقىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ھەممەيلەن دىققەت قىلىۋاتقان بىر مەيدان مۇسابىقىسى رىم كۇلۇبىنىڭ مەيدانىدا بايرىن مىيۇنخېن كۇلۇبى بىلەن ئېلىپ بېرىلدى. ئاخىرىدا بايرىن مىيۇنخېن كۇلۇبى مېھمان مەيداندا يەتتە توپ كىرگۈزۈپ 7-1 نەتىجە بىلەن ساھىبخان كۇلۇپ رىم كۇلۇبىنى مەغلۇپ قىلدى. روبىن ۋە رىبىرى 3 توپ كىرگۈزدى.
مۇسابىقە باشلىنىپ 8 مىنۇت بولغاندا روبىن وڭ چەكلەنگەن رايۇننىڭ ئوڭ تەرىپىدە رام نىڭ بەرگەن پېسىنى ئېلىپ كۈچەپ ۋاراتارغا تېپىپ كىرگۈزدى. بايرىن مىيۇنخېن 1-0 نەتىجە بىلەن ئۈستۈلۈكنى ئىگەللىدى.
23 مىنۇت بولغاندا گوتىز بىلەن مۇللېر چەكلەنگەن رايۇن سىرتىدا ماسلىشىپ مۇللېر ئاخىرىدا گوتىزغا چىرايلىق پا قايتۇردى. گوتىز توپنى كىرگۈزدى. بايرىن مىيۇنخېن 2-0 رىم.
25 مىنۇت بولغاندا ئالونسو سولدىن ئوتتۇرىغا پاس بەردى. لېۋەندوفۇسكى توپنى كىرگۈزدى. بايرىن 3 توپ ئۈستۈنلۈككە ئېرىشتى.
30مىنۇت بولغاندا روبىن يەنە بىر توپ كىرگۈزدى. 35 مىنۇت بولغاندا قارشى تەرەپ قول توپ بولۇپ بايرىن مىيۇنخېن نۇقتا توپ پۇرسىتىگە ئېرىشتى. مۇللېر نۇقتا توپنى كىرگۈزدى. نەتىجە 5-0 بولدى.
65 مىنۇت بولغاندا رىم كۇلۇبى ئاخىر بىر توپ كىرگۈزەلىدى. ئىتۇلبى ئوتتۇردىن سول تەرەپتىكى نايگىلان غا پاس بەردى. نايگىلان توپنى كىرگۈزدى. بايرىن مىيۇنخېن 5-1 رىم كۇلۇبى.
68 مىنۇت بولغاندا روبىن رىبىرىغا پاس بەردى. رىبىرى توپنى كىرگۈزدى. 80 مىنۇت بولغاندا شاچىللى يەنە بىر توپ كىرگۈزۈپ نەتىجىنى 7-1 قىلىپ ئۆزگەرتتى. ئاخىرىدا بايرىن مىيۇنخېن كۇلۇبى 7-1 نەتىجە بىلەن رىم كۇلۇبىنى مەغلۇپ قىلدى.
رىم كۇلۇبىدىن ئاساسلىق ئەزا سۈپىتىدە مەيدانغا چىققان توپچىلار:
26-نومۇر دېسكىتىس. 35-نومۇر توروسىدىس. 44-نومۇر مانوراس. 2-نومۇر مۇبىۋا. 3-نومۇر ئاسىل كېل. 15-نومۇر پىيانىك. 16-نومۇر دىروسى. 4-نومۇر نايگلان. 7-نومۇر ئىتۇلبى. 10-نومۇر توتى. 27-نومۇر رېۋىنىيو.
بايرىن مىيۇنخېن كۇلۇبىدىن ئاساسلىق ئەزا سۈپىتىدە مەيدانغا چىققان توپچىلار :
1-نومۇر نوئىر. 21-نومۇر رام. 5-نومۇر بىناتىيا. 1-نونۇر بۇئاتىڭ. 27-نومۇر ئالابا. 3-نونۇر ئالۇنسۇ. 18-نومۇر بېلنات. 25-نومۇر مۇللېر ( 60 مىنۇت بولغاندا رافىنىيا بىلەن ئالماشتى.) 19-نومۇر گوتىز ( 79 مىنۇت بولغاندا شاچىللى بىلەن ئالماشتى.) 10-نومۇر روبىن. 9- نومۇر لېۋەندوفۇسكى ( 67-مىنۇت بولغاندا رىبىرى بىلەن ئالماشتى.)
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved