فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ھوللاند ئېلىسې سارىيىدا مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ، ئىسپانىيە پادىشاھى فېلىپ VI خانىمى كۇيىن لېتىزىيانىڭ فىرانسىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇشقا كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى.
خەلقئارا لىنىيەسى خەۋىرى: ئەنگلىيە ‹‹كۈندىلىك پوچتا گېزىتى››نىڭ 2-ئىيۇندىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىسپانىيە پادىشاھى فېلىپ VI خانىمى كۇيىن لېتىزىيا بىلەن يېقىندا فىرانسىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغان، بۇنىڭ بىلەن فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ھوللاندنىڭ مۇرەككەپ شەخسىي تۇرمۇشىدا يەنە بىر قېتىم ئۆزگىرىش بولغان. فىرانسىيەنىڭ نۆۋەتتىكى سابىق ‹‹1-خانىمى›› ۋاقتىنچە بولمىغانلىقتىن، ھوللاند ئامالسىز سابىق قىز دوستىنى، تۆت بالىنىڭ ئانىسى سېگولېن رويالنى زىيارەتتە ھەمراھ بولۇشقا تەكلىپ قىلغان.
رويال نۆۋەتتە فىرانسىيە ئېكولوگىيە، سىجىل تەرەققىيات ۋە ئېنېرگىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى بولۇپ، ھوللاند ئۇنى فىرانسىيەنىڭ ۋاقىتلىق ‹‹1-خانىمى›› سۈپىتىدە، ئىسپانىيە پادىشاھى ۋە ئۇنىڭ خانىمىنى قارشى ئېلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىشنى تەلەپ قىلغان. فىرانسىيە ئېلىسې سارىيىنىڭ ئالدىدا، رويال ھوللاندنىڭ يېنىدا تۇرۇپ، زىيارەتكە كەلگەن ئىسپانىيە پادىشاھى ۋە ئۇنىڭ خانىمىنى قارشى ئالغان ۋە ھال سورىغان.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved