جاھان ئاگېنتلىقى 25-فېۋرال خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: رۇسىيە بىلەن جەنۇبى سىپرۇس ھۆكۈمىتى ھەربىي ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى. رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىن ، «ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ھەربىي ھەمكارلىق ۋە رۇسىيە ھەربىي پىلوتلىرىغا تەۋە پاراخۇتلارنىڭ سىپرۇس پورتلىرىغا كىرىشى ھېچكىمگە قارشى بىر ھەرىكەت ئەمەس» دېدى. رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن جەنۇبى سىپرۇس ھۆكۈمىتى رەھبىرى Nikos Anastasiadis ھەربىي ھەمكارلىق كېلىشىمىگە ئىمزا قويدى. پۇتىن موسكىۋادا جەنۇبى سىپرۇس ھۆكۈمىتى رەھبىرى Anastasiadis نى قۇبۇل قىلغان بولۇپ، ئىككى رەھبەر ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ھەربىي ھەمكارلىق ۋە مۇناسىۋەتلەر ھەققىدە سۆھبەتلەشتى. ئۇچرىشىشتىن كېيىن ئىككى رەھبەر، رۇسىيە ۋە جەنۇبى سىپرۇس ئارىسىدىكى 2015-2017 يىلى پائالىيەت پروگراممىسى بىلەن بىرگە مەبلەغ سېلىش، مائارىپ، ھەربىي ھەمكارلىق قاتارلىق 9 تۈردە ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى.
پۇتىن، «ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ھەربىي ھەمكارلىق ۋە رۇسىيە پىلوتلىرىغا تەۋە پاراخۇتلارنىڭ سىپرۇس پورتلىرىغا كىرىشى ھېچكىمگە قارشى ھەرىكەت ئەمەس» دېدى. رۇسىيە بۇنىڭدىن باشقا، سىپرۇس ھۆكۈمىتىگە ئىقتىسادى مۇقىملىقنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش مەقسىتىدە بۇنىڭدىن بۇرۇن بېرىلگەن 2.5 مىليارد ياۋرۇ قەرزىنى بىكار قىلىۋەتتى. پۇتىن رۇسىيەنىڭ سىپرۇسقا ئىقتىسادى ياردەمنىڭ داۋاملىق يەتكۈزىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. Anastasiadis رۇسىيە رەھبىرىگە قىلغان ياردملىرى ئۈچۈن رەھمىتىنى بىلدۈرۈپ، رۇسىيەنىڭ سىپرۇس مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇ يەنە رۇسىيەگە يۈرگۈزۈلگەن جازانىڭ ياۋرۇپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرگە سەلبىي تەسىر بەرگەنلىكىنى ئېيتىپ، پۇتىننى زىيارەت ئۈچۈن جەنۇبى سىپرۇسقا تەكلىپ قىلدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved