يېقىندا، 2015-يىللىق تايلاند ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسى رەسمىي باشلاندى، تويوتا بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىدە بىر نۇسخا Hilux Revo TRD ئۇقۇم ئاپتوموبىلى ئېلان قىلدى. بۇ ماشىنا يېڭى بىر ئەۋلاد Hilux ئاساسىدا ياسالغان، ھەمدە بىر يۈرۈش مۇسابىقە يولى ئۇسلۇبى ھازىرلىغان ماشىنا گەۋدىسى زاپچىسى سەپلىگەن.
سىرتقى كۆرۈنىشى تەرەپتە، يېڭى ماشىنا يېڭى بىر ئەۋلاد Hilux قوش رەت ئورۇندۇقلۇق نۇسخا ئاساسىدا ياسالغان، ماشىنا گەۋدىسىگە ئاق رەڭلىك سىر ئىشلەتكەن، ئالدى بىخەتەرلىك لىمى چوڭ ئېغىر شەكىللىك قىياپەتتە ھەمدە مول ھېسسىياتقا ئىگە ئوچۇق قىزىل رەڭلىك ئېلېمىنت سىڭدۈرۈلگەن، ئوخشاشلا بۇ ماشىنىنىڭ ئالدى بىخەتەرلىك لىمىنىڭ ئىككى تەرەپ لاھىيەسىدە ھاۋا ئۆتۈش ئېغىزى ۋە تۆت دانە LED نۇر مەنبەسىدىن تۈزۈلگەن ئالدى تۇمان چىراق بار.
ماشىنا گەۋدىسىنىڭ يان تەرەپتىن قارىغاندا، يېڭى ماشىنىغا كۆپلىگەن ھاۋا دىنامىكىسى زاپچىسى سەپلەنگەن، بۇ ماشىنا تورۇسىغا سەپلەنگەن كىچىك تىپتىكى ھاۋا ئېقىمىنى يوقىتىش تاختىسى، يۈك ساندۇقىدىكى ئېقىم باشلاش تاختىسى ۋە يېپىق شەكىللىك يۈك ساندۇقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ماشىنا گەۋدىسى ئارقا قىسىمىمۇ ئىنتايىن مودا. بىر چوڭ يارقىن نۇقتا بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ ماشىنىغا چوڭ رازمىردىكى قارا رەڭلىك ئالىيۇمىن قېتىشمىسى چاق بۇلى سەپلەنگەن، چاقنىڭ تىپ نومۇرى بولسا Scorpion Zero.
ماشىنىنىڭ قۇيرۇق قىسىمىدا، بۇ ماشىنىنىڭ قۇيرۇق چىراق گۇرۇپپىسىدا سۇس قىزىل رەڭلىك قاپلىما ئىشلىتىلگەن، ئارقا بىخەتەرلىك لىمىدىمۇ بىرقەدەر ھېسسىياتچان لاھىيە ئىشلىتىلگەن. ئىگەللىنىشىچە، بۇ نۇسخا ماشىنىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ سېستىمىسى ۋە ئاسما جازا قىسىمى ئادەتتىكى نۇسخا Hilux بىلەن بىردەكلىكنى ساقلىغانكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved