23-دېكابىر چۈشتىن بۇرۇن مۇخبىر جانبۇلاق مەنزىرە رايونىدا چوڭ تىپتىكى قار ئويمىلارنىڭ ياسىلىپ بولغانلىقىنى، غەلىتە دۆڭلۈك قار تېيىلىش يولى ۋە باشقا قار-مۇز ساياھەت ئەسلىھەلىرىنىڭ پۈتكەنلىكىنى كۆردى. بىر قىسىم ساياھەتچىلەر تاقەتسىزلىك بىلەن جانبۇلاق مەنزىرە رايونىنىڭ داڭلىق ‹‹تەڭرىتاغ غەيرىي دۆڭلۈكى›› گە كېلىپ، ‹‹تەتۈر يۆنىلىشتە چىقىش›› تىن ئىبارەت ئاجايىپ كەيپىياتنى باشتىن كەچۈردى. ئىگىلىنىشىچە، مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى كۈتۈۋېلىش، جانبۇلاق مەنزىرە رايونىنىڭ قىشلىق ساياھەت تەرەققىيات بوشلۇقىنى كېڭەيتىش، ساياھەتچىلەرنىڭ قىشلىق ساياھەتكە بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، بۇ يىل جانبۇلاق مەنزىرە رايونىدا 26-دېكابىردىن باشلاپ تۇنجى نۆۋەتلىك قار-مۇز بايرىمى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، قار-مۇز كۆڭۈل ئېچىش تۈرلىرى ئومۇميۈزلۈك ئېلىپ بېرىلىدىكەن. ھازىر 3 گۇرۇپپا قار ئويمىسى، 2 مۇز يولى، 2 قار يولى ياسىلىپ بولغان، قار تېيىلىش ئۈسكۈنىلىرى، يەنى قار تېيىلىش ماشىنىسى، قار تېيىلىش دېسكىسى، قار تېيىلىش ئورۇندۇقى، قار تېيىلىش چەمبىرىكى، چانا قاتارلىقلار تەييارلانغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىككى چانا يولى ئېچىلغان.
جانبۇلاقنىڭ قازاق تىلىدىكى مەنىسى ‹‹مۇقەددەس سۇ مەنبەسى›› بولۇپ، مەنزىرە رايونى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى گۇچۇڭ ناھىيەسى بەنجاگۇ بازىرىغا جايلاشقان، جانبۇلاق دۆلەت دەرىجىلىك ئورمان باغچىسى، دۆلەت A4 دەرىجىلىك ساياھەت رايونى بولۇپ، جۇڭگو پەنلەر ئاكادىمىيەسى تەرىپىدىن ئەڭ مۇكەممەل ساقلانغان ئەڭ بۇرۇنقى بوستانلىق مەدەنىيەتلىرىنىڭ بىرى دەپ بېكىتىلگەن. مەنزىرىسى يىل بويى گۈزەل بولۇپ، كىشىگە ھوزۇر بېرىدۇ، ئۇنىڭ شەرقتىكى ئالپىس دېگەن نامى بار.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved