«بېيجىڭدىكى مۇھەببەت ھېكايىسى» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى ئارقىلىق توڭ لىيا بىراقلا نام چىقارغانىدى، بۇ ئۇنىڭ شىنجاڭدىكى بىر ئازسانلىق مىللەتتىن بولغانلىقتىن ئەمەس بەلكى ئۇنىڭدىكى ئۆزگىچە بولغان مىللىي ئالاھىدىلىك ۋە رول ئېلىش ماھارىتىنىڭ ياخشىلىدىن كەڭ تاماششىبىنلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرشكەنىدى.
ئارقىدىنلا، يەنە بىر تۈركۈم توڭ لىيا بىلەن ئوخشاش شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتتىن بولغان گۈزەل نازىنىنلارمۇ تاماشا سەھنىسىنى ھەيران قالدۇرۇشقا باشلىدى. ئۇلارنىڭ ھەرجەھەتتىكى تالانتى ھەرگىزمۇ داڭلىق چولپانلارغا ئوتتۇرۇپ قويمىغۇدەك دەرىجىدە يۇقىرى، بۇنىڭ ئىچىدە ھازىر ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشىۋاتقىنى بولسا دىلرابا بىلەن گۈلنەزەر بولۇپ قالدى.
گۈلنەزەر
دىلرابا
گۈلنەزەر 16 ياشتىن باشلاپ قوشۇمچە تەكشىلىك مودېلى ۋە ئۇسسۇل ئارتىسى بولغان، 2011-يىلى بېيجىڭ كىنو ئىنىستىتۇتىنىڭ ئورۇنلاش فاكۇلتېتىغا قوبۇل قىلىنغان، ئۇزۇن ئۆتمەيلا شاڭخەي تاڭرېن فىلىم ئىشلەش شىركىتى بىلەن توختام ئىمزالىغان. ئۇ 2012-يىلى تۇنجى قېتىم تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا رول ئالغان، ئۇ ئەينى ۋاقىتتا ئاران ئالىي مەكتەپنىڭ ئىككىنچى يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان ۋاقتى ئىدى.
دىلرابا شاڭخەي تىياتىر ئىنىستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن. 2013-يىلى تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا رول ئالغان، شۇنىڭدىن باشلاپ كىشىلەر بۇ چىراينى ئېسىدە تۇتۇشقا باشلىغان. دىلرابانىڭ داڭقىنى چىقارغىنى بولسا ھەممىمىز ياقتۇرۇپ كۆرۈپ كېلىۋاتقان «كاراتلىق مۇھەببەت»، بۇ ئۇنىڭدا ئىككىنچى ئايال قەھرىمان گاۋۋېننىڭ رولىنى ئالغان بولۇپ، بۇنىڭدىكى گاۋۋېن ئوبرازى جانلىق، ئوماق، نازاكەتلىك، يۇمۇرىستىك بولۇپ، بۇنى دىلرابا ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئورۇنداپ، تېخىمۇ بەك كۆپ كىشىلەرنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن.
بۇ ئىككى ياش چولپاننىڭ ئىككىلىسى شۇنچىلىك چىرايلىق رۇخسارغا ۋە گۈزەل بولغان بەدەن قۇرۇقلمىسىغا ئىگە تۇرۇپمۇ، نېمىشقا تاماشا چەمبىرىكىدە ئاسمان-زېمىن پەرىق قىلىدۇ؟
دىلرابا مەستانىلىرى ۋە ئاممىۋي تارقىتىش ۋاستىلىرى تەرىپىدىن بىردەك ئالقىشلىنىدۇ، ئۇ داڭق چىقارغىلى نەچچە يىلدىن بېرى بىرەر قېتىممۇ ئۇنىڭ سەتچىلىك خەۋىرى تارقالمايدۇ. بىراق گۈلنەزەرنىڭ بۇ كەسىپكە قەدەم قويغاندېن بېرى سەتچىلىك خەۋىرى ئۈزۈلمەيدۇ.
گۈلنەزەرنىڭ سەزگۈرەشتىلىرى ئاڭلىماققا ئادىمنىڭ كۆڭلىنى يېرىم قىلىدۇ، بىراق نېمىشقا بەش ئەزايى نۇقسانسىز بۇ گۈزەل چولپان تاماشا چەمبىرىكىدە شۇنچە كۆپ قارىلاشلارغا ئۇچرايدۇ؟
بىرىنچىدىن، ئورۇنلاش ماھارىتىدىن ئېلىپ ئېيتساق، ھەرقانداق بىر ئايال چولپانغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ئۇنىڭ گۈزەل رۇخسارىدىن باشقا ئورۇنلاش ماھارىتىمۇ ناھايىتى مۇھىم. دىلرابا ئالدىنقى رول ئالغان تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىدا گەرچە ئالاھىدە كۆزگە كۆرۈنەرلىك ئوبراز ياراتمىغان بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ ئاشۇ ساپ، پاكىزە بولغان گۈزەل رۇخسارى كىشىلەرنىڭ ئېسىدە قالدۇرغانىدى. ئۇنىڭ ھەقىقى داڭقىنى چىقارغان «كاراتلىق مۇھەببەت» تە ئۇ ئىككىنچى ئايال باش رولچىنى ئالغان بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ پەيدا قىلغان تەسىرى ۋە ئورۇنداش ماھارىتى بىرىنچى ئايال باش رولچىدىن ئېشىپ چۈشكەن.
گۈلنەزەر تۇنجى قېتىم رول ئالغان ۋاقتىدا تېخى ئارانلا ئالىي مەكتەپنىڭ 2- يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ تۇنجى قېتىمدىلا خۇگې، لىيۇ شىشى قاتارلىق داڭلىق چولپانلار بىلەن تەڭ رولغا چىققان، ئۇلار بىلەن روشەن سېلىشتۇرما بولۇپ قالغان. بۇنىڭدىن باشقا سىنارىيە ۋە رول تەقسىماتىدا مەسىلە بار، ئاساسلىقى يەنىلا گۈلنەزەرنىڭ رول ئېلىش ماھارىتى تېخى پىشىپ يېتىلمىگەن، ئۇ باشتىن- ئاخىرى دېگۈدەك بىرلا خىل چىراي ئىپادىسىنىلا بەرگەن.
رول ئېلىش ماھارىتىدىن باشقا، ماس كېلىدىغان رولنى ئېلىشمۇ بەك مۇھىم. دىلرابا توغرا رولغا ئۇچراشقان. گاۋۋېن ئوبرازىنىڭ لاھىيلىنىشى دىلراباغا شۇنداق ماس كەلگەن. گۈلنەزەر ياراتقان ئوبراز بىر سەلبى ئوبراز بولۇپ، كىشىلەر بۇ سەلبى تەرەپنى بىراقلا گۈلنەزەرنىڭ ئەسلى خارەكتېرىگە باغلاپ ئۇنى ياقتۇرمىغان. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، گۈلنەزەر خېلى كۆپ روللارنى ئالدى، بىراق يەنىلا ئالقىشقا ئېرىشەلمىدى.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى، ھىندىستان يېڭى دېھلى. 74 ياشلىق Guinness Rishi كۆپ تۈرلۈك دۇنيا رېكورتىنى ساقلىغۇچى بولۇپ، بەدىنىگە ئەڭ كۆپ بايراقنى چەكمە قىلىپ چېكىش رېكورتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
|
![]() |
5-ئاينىڭ 25-كۈنى سەھەر سائەت بىردە، داڭلىق ئايال يازغۇچى، ئەدەبىي تەرجىمان، چەتئەل ئەدەبىياتى تەتقىقاتچىسى، چىيەن جوڭشۇ ئەپەندىنىڭ خانىمى ياڭ جياڭ بېيجىڭ شيېخى دوختۇرخانىسىدا ئالەمدىن ئۆتتى.
يا...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved