سۈرىيە ئىلغار قوراللارنى سىناق قىلىدىغان مەيدان بولۇپ قالدى

      ئامېرىكا تاراتقۇلىرىدا 19-دېكابىر:«سۈرىيەدىكى قوراللىق ھەرىكەت روسىيىگە قورال سىناق قىلىدىغان پۇرسەت ئاتا قىلدى» سەرلەۋھىلىك ماقالە ئېلان قىلىنغان.

20-ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدىكى خەلق ئاۋىئاتسىيەسى يولۇچىلار ئايروپىلانى ئاساسىدا ياسالغان «نېل-18»تىپلىق «قارا ئۆردەك» بەلگىلىك ئايروپىلان روسىيەنىڭ سۈرىيەدىكى ئۆكتىچى كۈچلەرگە زەربە بېرىش ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرغان زامانىۋى قورال ھېسابلانماسلىقى مۇمكىن.

ئانالىزچىلارنىڭ دېيىشىچە، بۇ خىل ئايروپىلانغا رادار، يىراقتىن كۆزىتىش كامىراسى، ئىنفىرا قىزىل نۇرلۇق سېنزور ۋە ئوغۇرلۇقچە ئاڭلاش سىستېمىسى ئورنىتىلىپ، دېڭىز ئارمىيە ئېلېكترونلۇق ئاخبارات ئۇرۇشى سۇپىسىدا پەيدا بولغان. «قارا ئۆردەك»نىڭ پەيدا بولۇشى روسىيەنىڭ سۈرىيە مەسىلىسىدە ئۇزاق مەزگىللىك پىلان تۈزگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدىكەن.

ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوبامانى ئۆز ئىچىگە ئالغان غەرب رەھبەرلىرى: روسىيە بەش يىلغا سوزۇلغان سۈرىيە توقۇنۇشى پاتقىقىغا پېتىپ قېلىشى مۇمكىن، دەپ قارىغان. ئىئوردانىيە ئانالىزچىسى كامھاۋى: پۇتىن چېكىنىش ئىستراتېگىيىسى تۈزمىدى، روسىيە سۈرىيەدە تۇرۇپ قېلىشى مۇمكىن، دېگەن.

   روسىيىنىڭ قوراللىق ھەرىكىتى يالغۇز بەشەر ھاكىمىيىتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈنلا ئەمەس، بۇ يەنە روسىيەنى قورال ۋە ئۇرۇش قىلىش نەزەرىيىسىنى سىناق قىلىدىغان پۇرسەت بىلەن تەمىنلىگەن.

ئامېرىكا تېكساس شتاتىغا جايلاشقان دۇنيا ئاخبارات شىركىتى- ستراتېگىيە سىناق شىركىتىنىڭ يېقىنقى بىر پارچە دوكلاتىدا: روسىيە سۈرىيەدىكى قوراللىق ھەرىكىتى ئارقىلىق ھاۋا ئۇرۇشى ئىقتىدارنى سىناق قىلىۋاتىدۇش روسىيە شۇ ئارقىلىق زۆرۈر تېپىلغاندا سۈرىيە بىلەن ئىراق چېگرىسىدىكى نىشانلارغا زەربە بېرەلەيدىغانلىقىنى ئىسپاتلىماقچى، دېگەن.

سۈرىيە توقۇنۇشىغا ئارىلاشقان باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىشلەتكەن قوراللىرى تېخىمۇ ئىلغار ئىكەن. ئامېرىكا قورال ئىسكىلاتىدىكى ئەڭ ئىلغار قوراللارنى ئىشلەتكەن بولۇپ، بۇ قوراللار ئىچىدە «F-22»بەلگىلىك كۆرۈنمەس سوقۇش ئايروپىلانمۇ بار ئىكەن. فرانسىيە بىلەن ئەنگلىيە قاتارلىق ئىتتىپاقداشلارمۇ «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى»گە زەربە بېرىشتە، ئەڭ يېڭى تىپتىكى «ئۆتكۈنچى شامال» ۋە «چاپقۇن» بەلگىلىك سوقۇش ئايروپىلانىنى ئىشلەتكەن.

ئانالىزچىلارنىڭ دېيىشىچە، ئىلغار قوراللار ئارقىلىق «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى»نىڭ قالاق قوراللىرىغا تاقابىل تۇرۇش ئارتۇقچە چىقىم قىلغانلىق بولىدىكەن. سۈرىيە توقۇنۇشنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە ش ئا ئە ت تۈركىيەنىڭ جەنۇبىغا «ۋەتەنپەرۋەر» ناملىق ھاۋا مۇداپىئە ۋە باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدكە قارشى باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد ئورۇنلاشتۇرغان، لېكىن بۇ باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدنى ھازىرغىچە ئىشلىتىپ باقمىغان.

     لىۋاننىڭ دەم ئېلىشقا چىققان گېنېرالى، ھەربىي ئانالىزچى ھېسام جەبىر: ھەرقايسى دۆلەتلەر سۈرىيەنى يۇقىرى پەن تېخنىكىلىق قوراللىرىنى سىناق قىلىدىغان مەيدان قىلىۋالدى، ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيە سۈرىيەدىكى بومباردىمان ئارقىلىق ئوتتۇرا شەرق ۋە  قورال بازىرىدىكى يوشۇرۇن خېرىدار لىرىغا سوقۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ ئىقتىدارى نامايان قىلىۋاتىدۇ. روسىيەنىڭ ئۇسۇلى كىشىنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرىدۇ، ئۇ كاسپىي دېڭىزىغا ئورۇنلاشتۇرغان قوغدىغۇچى پاراخوتلىرى ۋە ئوتتۇرا دېڭىزدىكى يېڭى چۆكمە پاراخوتى ئارقىلىق رادىكال تەشكىلاتلارغا يىراق مۇساپىلىك چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد قويۇپ بەرگەنش بۇ چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد ئىنتايىن ئىخچام بولۇپ، ئۇنى كىچىك تىپتىكى چۆكمە پاراخوت ۋە ھەربىي پاراخوتلىرىدا ئېلىپ يۈرگىلى بولىدۇ، دېگەن.

سۈرىيە توقۇنۇشى يەنە توقۇنۇشقا قاتناشقان تەرەپلەرگە ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان نازارەت قىلىش ۋە تېخنىكا ئۆگىنىش پۇرسىتى يارىتىپ بەرگەن.



خەتكۈچلەر:
28-12-2015
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: نۇر تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
17-04-2016
    چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ 17- ئاپرېلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، سەئۇدى ئەرەبسىتان ئوباما ھۆكۈمىتىگە ئاگاھلاندۇرۇش چىقىرىپ: ناۋادا ئامېرىكا پارلامېنتى يېڭى قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللاپ، 11- سېنتەبىر تېررورلۇق ھۇجۇمى ۋەقەسىدە مەسئۇلىيە...
17-04-2016
   فرانسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئېررو ۋە گېرمانىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ستەيىنمېيىل تۈنۈگۈن لىۋىيەنىڭ پايتەختى تىرىپولىغا يېتىپ بېرىپ، لىۋىيە مىللىي ئىتتىپاقلىق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەزالىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئېررو شۇ كۈنكى مۇخبى...
07-03-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 7- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە پەن-تېخنىكا ئۇچۇر تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى روگوزىن فېدېراتسىيە كومىتېت ئەزالىرى يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن:...
07-03-2016
ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 2-ئىيۇل ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇلتۇر 12-ئايغىچە، ياپونىيەدە مەملىكەت بويىچە ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئالىدىغان ئائىلە سانى 1 مىليون 634 مىڭ ئائىلىدىن ئېشىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى قىممەتنى يارا...
07-03-2016
شىنخۇا تورى 7- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى ئىراقنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدىكى بابىلۇن ئۆلكىسىنىڭ ئۆلكە مەركىزى شىلا شەھىرىدىكى بىر تەكشۈرۈش پونكىتى شۇ جاي ۋاقتى 6- مارت چۈشتىن كېيىن ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش خاراكتېرلىك پارت...
02-03-2016
ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى ئاساسي قانۇن مەھكىمىسى 1-مارت پايتەخت بانگىدا، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنىڭ سابىق زۇڭلىسى، مۇستەقىل سايلام نامزاتى تۇۋادرانىڭ 2-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ سايلىمىدا %62.69 ئاۋازغا ئېرىشىپ، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇريىتىنىڭ...
02-03-2016
فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى،موسكىۋا،27-فېۋرال تېلىگىراممىسى:روسىيە دېپلوماتىيە مىنىستىرلىقى27-فېۋرال مۇنۇلارنى بىلدۈردى:روسىيەنىڭ دېپلوماتىيە مىنىستىرى سېرگىي لاۋروف ۋە ئامېرىكىنىڭ دۆلەت كاتىپى جون كېررى سۈرىيەدە ئۇرۇش توختىتىلغانلىقىد...
22-02-2016
سىنا تورى خەۋىرى، باغداش تورى تەرجىمىسى: چاۋشيەن مەركىزىي ئاگېنتلىقىنىڭ 21 - فېۋرال تەمىنلىگەن سۈرەتلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جوڭئېن يېقىندا چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسى ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ ئۇچۇش مەشىقىنى كۆزدىن كەچ...
12-02-2016
   فىرانسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، فرانسىيىنىڭ غەربىدىكى چاررىنت ئۆلكىسىدە 11 -فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن مەكتەپ ئاپتوبۇسى بىلەن يۈك ئاپتوموبىلى سوقۇلۇپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقەدە ئالتە ئادەم قازا قىلىپ، ئۈ...
12-02-2016
   مېكسىكىنىڭ شىمالىي قىسىمىدىكى بىر تۈرمىدە شۇ جاي ۋاقتى 11- فىۋرال زور كۆلەملىك قالايمىقانچىلىق كۆرۈلۈپ، ئاز دېگەندە 52 ئادەم قازا قىلىپ، 12 ئادەم يارىلانغان. يەرلىك دائىرلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىمقى قالايمىقانچىلىق ئىككى قار...
Powered by Leglek