جاھان ئاگېنتلىقى 9-مارت خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: خاماس، ئىسرائىلىيە مېدىياسىدا تارقالغان «ئىسرائىلىيەگە غەززە قامىلىنى بىكار قىلىش بەدىلىگە 5 يىللىق ئۇرۇش توختىتىش تەكلىپى سۇندى» دىگەن خەۋەرنى يالغان دەپ رەت قىلدى.
خاماس تەرەپتىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، خاماسنىڭ ئىسرائىلىيەگە «غەززە قامىلىنى بىكار قىلىش بەدىلىگە 5 يىل ئۇرۇش توختىتىش تەكلىپىنى قۇبۇل قىلىش شەكلىدىكى بىر تەكلىپ سۇندى» دىگەن خەۋىرىنىڭ ئاساسسىز يالغان ئىكەنلىكىنى تەكىتلىنىپ، ئىسرائىلىيە بىلەن ئۇرۇش توختىتىش تەكلىپىنىڭ خەلقئارادىكى بىر قىسىم تەرەپلەردىن خاماسقا سۇنۇلغانلىقى ئەمما تەكلىپنىڭ تېخى قاراپ چىقىلمىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
خاماس باياناتچىسى سامى ئەبۇ زۆھرى، مۇخبىرغا سۆز قىلىپ، خەلقئارادىكى بىر قىسىم تەرەپلەرنىڭ خاماسقا غەززە ئىمبارگوسى بىكار قىلىنىشى بەدىلىگە ئىسرائىلىيە بىلەن 5 يىل ئۇرۇش توختىتىش ھەققىدە بىر تەكلىپ سۇنغانلىقىنى ئېيتتى. ئەبۇ زۆھرى، «خاماس بۇ تەكلىپكە تېخى جاۋاب بەرمىدى. چۈنكى بۇ مىللىي يارىشىش بىلەن تەپسىلىي قاراپ چىقىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدىغان مەسىلىدۇر» دېدى.
ئىسرائىلىيە ئىنتېرنىت تورى «ۋالا»، غەربلىك دىپلوماتىيە ئورۇنلىرىدىن نەقىل قىلغان بىر خەۋەردە، خاماسنىڭ «غەززە قامىلى بىكار قىلىنىشى بەدىلىگە 5 يىللىق ئۇرۇش توختىتىش تەكلىپى» سۇنغانلىقىنى خەۋەر قىلغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved