ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالىدىكى پارتلىتىش دېلوسى كەسكىن بىر تەرەپ قىلىندى

تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى: 30-ئاپرېل، ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالىدا بىر قېتىملىق زوراۋانلىق، تېرورلۇق خاراكتېرىنى ئالغان پارتلىتىش دېلوسى يۈز بەردى. دېلو يۈز بەرگەندىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم يوليورۇق بەردى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت تېز سۈرئەتتە ھەرىكەتلىنىپ، كەسكىن بىر تەرەپ قىلىپ، ۋەقەنى 234 سائەت ئىچىدە پاش قىلدى.


دېلو يۈز بەرگەندىن كېيىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن دەرھال ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ بېرىپ، ئالاقىدار يولداشلارنى نەق مەيدانغا بېرىپ ئورۇنلاشتۇرۇشقا مەسئۇل قىلدى. يېرىم سائەت ئىچىدە، جاڭ چۈنشيەن جىددىي يىغىننى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، نەق مەيداننى كونترول قىلىش، يارىدارلارنى قۇتقۇزۇش، دېلونى پاش قىلىش توغرىسىدا ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ باردى. سائەت 21:30 دا، جاڭ چۈنشيەن 2-قېتىملىق يىغىننى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، دېلونى بىر تەرەپ قىلىش ۋە پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىق خىزمىتىگە قارىتا يەنە بىر قېتىم ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ باردى. 5-ئاينىڭ 1-كۈنى، جاڭ چۈنشيەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم تەستىقىنىڭ روھىنى يەتكۈزۈپ، دېلو ئەھۋالىدىن خەۋەردار قىلدى، دېلودىن كېيىنكى بىر تەرەپ قىلىش ۋە پۈتۈن شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق خىزمىتىنى يەنە ئورۇنلاشتۇردى.


جاڭ چۈنشيەن تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى ۋە تەستىقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، تېرورلۇققا قارشى كۈرەشنى بىر مىنۇتمۇ بوشاشتۇرۇپ قويماي، تېرورچى ئۇنسۇرلارنى ھەيۋىسىنى يەرگە ئۇرۇش كېرەك. بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرىشنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىكلىكى، مۇرەككەپلىكى ۋە كەسكىنلىكىگە بولغان تونۇشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قاتتىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، قىلچىمۇ يۇمشاق قوللۇق قىلماي، قاتتىق زەربە بېرىشتىى يۇقىرى بېسىملىق ھالەتنى باشتىن-ئاخىر ساقلاپ، مۇقىملىقنى قوغداشتا چىڭ تۇرۇشنى ھەرقانداق ۋاقىتتا بوش قويۇۋەتمەسلىك كېرەك. ئامما بىلەن مۇناسىۋەت باغلاپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە تايىنىپ، تېرورلۇققا قارشى تۇرۇشتىكى خەلق ئۇرۇشىنى ياخشى قىلىش كېرەك. يارىدارلارنى قۇتقۇشنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەپ، ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا تەسەللىي بېرىش قاتارلىق دېلو بىر تەرەپ قىلىشتىن كېيىنكى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ كېرەك. جەمئىيەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە ۋە مۇقىملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان ئاجىز ھالقىلارنىمۇ ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ، توسالغۇلارنى ئېتىپ، ئىجتىمائىي ۋەزىيەتنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.


دېلو يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بىر تۇتاش قوماندانلىقىدا، ئۈرۈمچى شەھىرى، ئاپتونوم رايوننىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى، سەھىيە قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلىرى تېزلىكتە ھەرىكەتلەندى. نەق مەيداندىكى يارىدارلار دەسلەپتىلا دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلدى، ۋەقە يۈز بەرگەن نەق مەيداننىڭ تەرتىپى تېزلىكتە ئەسلىگە كەلدى.


شۇ كۈنى كەچ سائەت 20:30 دا، جاڭ چۈنشيەننىڭ ھاۋالىسى بىلەن نۇر بەكرى، جۇ خەيلۈن دوختۇرخانىغا بېرىپ يارىدارلارنى يوقلاپ، قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى ھەمدە يولداش جاڭ چۈنشيەننىڭ كۆرسەتمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەرقانداق بەدەل تۆلەشكە قارىماي يارىدارلارنى قۇتقۇزۇشنى تەلەپ قىلدى.


نۆۋەتتە، قىسمەن يارىدارلار دوختۇرخانىدىن چىقتى، تۈرلۈك ۋەقەدىن كېيىنكى بىر تەرەپ قىلىش خىزمەتلىرى تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ.



خەتكۈچلەر:
03-05-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
28-05-2016
    ئۆز مۇخبىرىمىز يۈسۈپچان ئەزىزى خەۋەر قىلىدۇ. 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە شىنجاڭ يەرمەنكە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەك-ئىچمەك كۆرگەزمىسىگە ئۈرۈمچى سەھران خەلقئارا سودا چەكلىك ...
28-05-2016
2016-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە شىنجاڭ يەرمەنكە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەك-ئىچمەك كۆرگەزمىسىدىكى يارقىن نوقتا- شىنجاڭ ئۇيغۇر نان مەدەنىيتى
27-05-2016
    كورلا كەچلىك گېزىتى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: 25-ماي مۇخبىر  ئوبلاست، شەھەرلىك يېمەكلىك دورا نازارەتچىلىك باشقۇرۇش تارماقلىرىدىن مۇنۇلارنى ئىگىلىدى، دۆلەت يېمەكلىك دورا نازارەتچىلىك باشقۇرۇش باش ئىدارىسى يېقىندا مېۋى...
26-05-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 26-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، ھىندىستان پەن-تېخنىكا ۋە مۇھىت مەركىزى يېقىندا ئېلىپ بارغان ئەڭ يېڭى تەكشۈر...
26-05-2016
    5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 29-كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەكلىك يەرمەنكىسى سودا يىغىنى ۋە 6-نۆۋىتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەك-ئىچمەك يەرمەنكىسى بۈگۈن شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە باشلاند...
24-05-2016
    ئامېرىكا پەن-تېخنىكا بىلوگى Quartz نىڭ خەلقئارالىق مەسلىھەتچىلىك شىركىتى McKinsey نىڭ تەتقىقاتىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە، يېقىنقى 3 يىلدا تېز تاماق ئىستېمال قىلىدىغان جۇڭگولۇقلار %15 كېمەيگەن.     بۇ تەكشۈرۈش 201...
22-05-2016
2016-يىلى 18-ماي، ئاقسۇ ۋىلايىتى توقسۇ ناھىيىسىدە «توقسۇ ناھىيەلىك گۆش كەپتىرى بېقىش بويىچە تەربىيەلەش ۋە چوڭقۇر پىششىقلاپ ئىشلەش بازىسى» نىڭ قۇرۇلۇش پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈش مۇراسىمى داغدۇغىلىق ھالدا ئۆتكۈزۈلدى.   &...
20-05-2016
    شىنجاڭ ئابىدە بىئو پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىچكىرى ئۆلكە بازىرىغا يۈرۈش قىلىش، شۇنداقلا ئوتتۇرا ئاسىيا بازىرىنى ئېچىش ئۈچۈن ئاكتىپ ھالدا ئىچكىرى ئۆلكە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا ئۆتكۈزۈلگەن يەرمەنكى...
19-05-2016
شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 18-ماي، ئىتالىيە ناپلېس، شۇ جايدىكى پىسا ياسىغۇچى سودىگەر 2000 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى پىسا ياساپ چىقىپ، 2015-يىلى يارىتىلغان دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇزۇن بولغان پىسا جىنىس رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىغان. ئىگىلىنىشىچە، 2015-يىلى رې...
18-05-2016
    يېڭى مېۋىلەرنىڭ بازارغا چىقىشىغا ئەگىشىپ، ئۈرۈمچىدىكى ھەر كىلوگىرام باناننىڭ باھاسى 4-5 يۈەنگە چۈشۈپ، تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشتى.       5-ئاينىڭ 17-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى شىخۇڭ يو...
Powered by Leglek