ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى جون كېررى شۇ يەر ۋاقتى 2015-يىلى 30-ماي شۋېيتسارىيەنىڭ جەنۋەدە ئىران دىپلوماتىيە مىنىستىرى زەرىف بىلەن ئىران مەسىلىسى ھەققىدىكى سۆھبىتىنى ئاياغلاشتۇرغان. ئىككىنچى كۈنى، كېررى ۋېلسىپىت مىنىپ فىرانسىيە چېگراسىدىكى سيونزيېر دېگەن جاينىڭ ئەتراپىدا سەيلە قىلغان. بىراق، سەيلە قىلىۋاتقاندا كۈتۈلمىگەن ئەھۋال يۈز بېرىپ، كېررى ۋېلسىپىتتىن يېقىلىپ چۈشۈپ، پۇت سۆڭىكى يارىلانغان ھەمدە تېزلىكتە تىك ئۇچار ئايروپىلان بىلەن جەنۋەدىكى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغان.
ئامېرىكا گوۋۇيۈەنىنىڭ باياناتچىسى جون كوبى دېيىشىچە، كېررى ۋېلسىپىتتىن يېقىلىپ چۈشكەن، ئەمما ھوشىدىن كەتمىگەن، يارىسى ھاياتىغا خەۋپ ئېلىپ كەلمەيدىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved