جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 23-ماي بېيجىڭ خەۋىرى:
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كىمون 22-ماي باياناتچىسى ئارقىلىق بايانات ئېلان قىلىپ، ئەسەبىي تەشكىلات بولغان بوكو ھەرەم تەشكىلاتىنىڭ نېگىرىيە ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى دۆلەتلەردە پۇقرالارغا داۋاملىق ھۇجۇم قىلىۋاتقانلىقىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بوكو ھەرەم تەشكىلاتى 2004-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، بۇ تەشكىلاتىنىڭ قوراللىق خادىملىرى دائىم نىگېرىيە بىلەن كامىروننىڭ شىمالىدىكى تۇتىشىپ تۇرىدىغان رايوندا ھەرىكەت قىلىپ زوراۋانلىق تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىدۇ . بۇ يىل 2-ئايدا، نېگىر، نېگىرىيە ، چاد، كامىرون، بېنىن 8 مىڭ 700 كىشىلىك كۆپ دۆلەت قىسمىنى تەشكىللەپ، بوكو ھەرەم تەشكىلاتىغا قوراللىق زەربە بەرگەن ئىدى.
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، شۇ كۈنى گىرېتسىيە پۇقرالىرى 48 سائەت ئىش تاشلاپ پېنسىيە مائاشى ئىسلاھاتىغا قارشى ئېتىراز بىلدۈردى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved