دۈشەنبە 12-ئاينىڭ 21-كۈنى خەلقئارا ئالتۇن باھاسى كىچىك دائىرىدە تەۋرىنىش ھالىتىدە بولۇپ، يۇقىرى نۇقتا 1074.03 دوللار ئەتراپىغا چىققان، ئامېرىكا پەي چېكى بازىرىنىڭ تۆۋەنلەش نىسبىتى چوڭىيىپ، خەۋپتىن ساقلىنىش ئېھتىياجىنىڭ ئېشىشى، ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولغان. 2015-يىلى ئاخىرلىشىشقا ئىككى ھەپتە قالمىغان ۋاقىتتا، بۇ ھەپتە بازار روژدېستۋو بايرىمىنى كۈتۈۋالىدۇ. بۇ ھەپتە بازارنىڭ مۇھىم دىققەت نۇقتىسى بولسا، سەيشەنبە 12-ئاينىڭ 22-كۈنى ئېلان قىلىدىغان ئامېرىكا GDP سانلىق مەلۇماتى، چارشەنبە يەنى 12-ئاينىڭ 23-كۈنى ئېلان قىلىدىغان ئامېرىكا 11-ئايلىق چىداملىق مەھسۇلاتلار زاكاز تالونى ۋە ئامېرىكا PCE سانلىق مەلۇماتى.
گوللاندىيە بانكىسىنىڭ تەھلىلچىسى Georgette Boele كۆرسەتمە بېرىشىدە، روژدېستۋو بايرىمى ۋە يېڭى يىل مەزگىلىدە بازارنىڭ سودا ھالىتى سۇس بولىدۇ، شۇڭا ئالتۇن باھاسىنىڭ چۈشۈش يۆنىلىشى چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ. ئالتۇن بىلەن ئامېرىكا دوللىرىنىڭ ئارىسىدىكى تەتۈر باغلىنىش مۇناسىۋىتى كېلەر يىلى داۋاملىق ئالتۇن باھاسىغا بېسىم ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن دەپ كۆرسەتكەن.
گوللاندىيە بانكىسىنىڭ مۆلچەرىدە، كېلەر يىلنىڭ ئاخىرىغىچە ئالتۇن باھاسى چۈشۈپ 900 دوللار ئەتراپىغا كېلىشى مۇمكىن دەپ مۆلچەرلىگەن.جۈمە 12-ئاينىڭ 18-كۈنى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئالتۇن فوندى ETF نىڭ ئالتۇن زاپىسى 648.92 توننا بولۇپ، ئالدىنقى كۈنگە سېلىشتۇرغاندا 18.75 توننا ئاشقان.
ئەسكەرتىش:
ئادەتتە 1 ئۇنسىيە ئالتۇن 31.1035 گىرامغا تەڭ؛
بۈگۈنكى خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتى 6.4753 يۈەن؛
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved