جۇڭگونىڭ ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى بويىچە سۆھبەت ۋەكىلى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ھەربىي ھازىرلىقلارنى كونترول قىلىش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ چۈن 19-ئىيۇل ۋېنادا مۇنداق دېدى: جۇڭگو ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن ئىران بىرلىكتە ئېلان قىلغان ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى توغرىسىدىكى ئومۇميۈزلۈك كېلىشىم سۆھبىتىنىڭ مۇددىتىنى 11-ئاينىڭ 24-كۈنىگە ئۇزارتىش قارار قىلىنغانلىقىنى قوللايدۇ.
ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇ ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش چوڭ يۆنىلىشىگە قاراپ داۋاملىق قەدەم تاشلىشىغا پايدىلىق. بىز ئالتە دۆلەت بىلەن ئىراننىڭ تەستە قولغا كەلگەن پۇرسەتنى قەدىرلەپ، كاللا ئىشلىتىپ، ئالغا قەدەم تاشلاپ، بىردەك ئىلگىرىلەپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى، ئىراننى خاتىرجەم قىلىدىغان ئومۇميۈزلۈك ، ئۇزۇن مۇددەتلىك ياخشى كېلىشىم ھاسىل قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، شۇ كۈنى گىرېتسىيە پۇقرالىرى 48 سائەت ئىش تاشلاپ پېنسىيە مائاشى ئىسلاھاتىغا قارشى ئېتىراز بىلدۈردى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved