ئافرىقىدىكى ياۋايى ھايۋاناتلارنىڭ ئېچىنىشلىق ياشاش مۇھىتى

     ئەنگلىيەلىك فوتوگراف گاي روبېرتس ئىككى يىل ۋاقتىنى سەرپ قىلىپ تانزانىيە ۋە كېنىيەنىڭ ياۋايى ھايۋانلار رايونىدا ھايۋانلارنى قوغدىغۇچىلار ۋە ئالىملارغا ئەگەشكەن، ئاپپاراتى ئارقىلىق بۇ رايوندىكى ياۋايى ھايۋانلار دۇچ كەلگەن ئېغىر ھاياتلىق مەسىلىسىنى خاتىرىلىگەن. كىشىلەرنى تەدىر قوللىنىپ يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ئافرىقا ياۋايى ھايۋاناتلىرىنى قوغداشقا چاقىرغان.

     ئوغرىلىقچە ئوۋلاش سودىسىنىڭ ئەدەپ كېتىشى ۋە ئىنسانلارنىڭ پائالىيىتىنىڭ چەكلىمىسىز بۆسۈپ كىرىشى بىلەن، بۇ رايوندىكى ياۋايى ھايۋانلارنىڭ سانى شىددەت بىلەن ئازايغان. كۆپ خىل ھايۋانلار يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان. بۇ سۈرەتلەردە، روېبرتس كىشىلەرگە ئافرىقىدىكى بۇ ياۋايى ھايۋانلارنىڭ ھاياتىنىڭ ئاجىزلىقىنى نامايان قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتتا ئۇ يەنە ياۋايى ھايۋانلارنى قوغدىغۇچىلارنىڭ بۇ خىل ئەھۋالنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن قىلغان تىرىشچانلىقلىرىنى ۋە ئۇلار دۇچ كەلگەن چوڭ خېيىم-خەتەرنى ئەكىس ئەتتۈردى.

    بۇ يىل 50 ياشقا كىرگەن روبېرتسنىڭ دېيىشىچە ئۇ 20 نەچچە يېشىدا ئافرىقىغا كەلگەندە ئافرىقا شىرىنىڭ سانى 200 مىڭ ئىكەن. لېكىن ھازىر پەقەت 20 مىڭى بار ئىكەن، سانى %90 ئازايغان. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ئەھۋال داۋاملاشسا، كەلگۈسى بەش يىلدىن 10 يىلغىچە ئافرىقا شىرى ئافرىقا قىتئەسىدىن غايىب بولىدىكەن.

    باشقا ياۋايى ھايۋانلار مەسلەن، ئافرىقا پىلى، قارا كەركىدان، ئافرىقا يىلپىزى قاتارلىقلار دۇچ كەلگەن ئەھۋال تېخىمۇ ئېغىر. ھەر يىل 30 مىڭدىن ئارتۇق پىل ئوۋلىنىدۇ، ھەر 20 مىنۇتتا بىر پىل ئۆلتۈرۈلىدۇ.

   بۇنىڭدىن باشقا قانۇنسىز ئوۋلاش ھەرىكەتلىرىنى توسۇش ئۈچۈن ياۋايى ھايۋانلارنى قوغدىغۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ ھاياتىمۇ چوڭ خەتەرگە دۇچ كەلگەن. ياۋايى ھايۋانلارنى قوغدىغۇچىلارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى ئىراق ئۇرۇشىغا قاتناشقان ئەسكەرلەرنىڭ ئۆلۈش نىسبىتىدىنمۇ يۇقىرى ئكەن.



خەتكۈچلەر:
14-12-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
   6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئىسسىق گاز شارى يېڭى توي قىلغۇچىلارنى ئېلىپ بوشلۇققا كۆتۈرۈلمەكتە. شۇ كۈنى جىياڭسۇ ئۆلكىسى نەنجىڭ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىسسىق گاز شارى بوشلۇق توي مۇراسىمى كارنىۋال پائالىيىتىدە، 50 جۈپ يېڭى توي قىلغان قى-يى...
10-06-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 10- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا موسكۋادا 2 مىليون دوللار سەرىپ قىلىنغان بىر مەيدان ھەشەمەتلىك توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ،...
28-05-2016
     شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئۇكرائىنا كىيىۋ، شۇ كۈنى ئوقۇغۇچىلار كىيىۋ شەھەر مەركىزىدىكى مۇستەقىللىق مەيدانىغا جايلاشقان فونتاندا سۇ چېچىشىپ ئويناپ، ئوقۇش مەۋسۈمىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى تەبرىكلىدى.
27-05-2016
    تۈنۈگۈندىن بۇيان بوللىۋودنىڭ داڭلىق ناخشىچىسى ئارىجىت سىڭ ناھايىتى غەلىتە ئۇسۇلدا دىققەت ئوبېيكتى بولۇپ قالدى. ئالدى بىلەن 25-ماي كۈنى، ئۇ تۇيۇقسىز فېيسبۇك بېتىدە ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ سالمان خاندىن ئاشكارا كەچۈرۈم سور...
26-05-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 26-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا كالفورنىيە شىتاتىدىكى لاكسېي (Lacksey) ئىسىملىك قىز ۋان گو (Van Go...
26-05-2016
«غەربكە ساياھەت» تىكى ئاز ئۇچرايدىغان پەردە ئارقىسىدىكى سۈرەتلەر
25-05-2016
ئۇنىڭ ئىسمى George Wurtzel، ئۇ بىر ئەما سەنئەتكار، شۇنداقلا ئورمان ئىشچىسى ھەم ئوقۇتقۇچى بولۇپ، ئۇ بىر رەسىم كارىدورى لايىھەلەپ چىقىشنى پىلانلىدى. George ئەمالارمۇ «كۆرەلەيدىغان» بىر سۈرەت ياساپ چىقماقچى بولۇپ، دەسلەپتە ئۆزى...
25-05-2016
ۋال كوچىسى ئۇچۇرلىرى تورىنىڭ 25-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     بلۇمبېرگ ئاگېنتلىقىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، شىياڭگاڭغا بارىدىغان چوڭ قۇرۇقلۇق ساياھەتچىلەر سانى بۇ يىل بىرىنچى پەسىلدە بۇلتۇرقى ئوخشاش ...
24-05-2016
    تۈنۈگۈن كەچ بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 22:00دە تېلېۋىزىيە تىياتىرى «خىسلەتلىك قىلىچ5» خۇنەن تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تەرىپىدىن قويۇلۇشقا باشلىدى. بۇ فىلىمدە داڭلىق ئارتىس گۈلنەزەرمۇ ئاساسلىق رول ئالغان. لېكىن بۇ قېتىم ئۇنىڭ ئالغى...
24-05-2016
تاڭ ۋېي (كورىيە) لياڭ يۇڭچى (ئىسپانىيە) مو ۋېنۋېي (گېرمانىيە) لى ۋېن (ئامېرىكا) ما ياشۇ (ئاۋىستىرالىيە) چى ۋېي (كورىيە) يۈەن لى (ئامېرىكا) ...
Powered by Leglek