شىنجاڭ تورى خەۋىرى: ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 2000 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىسى 11-مارت ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرۈتتى. ئىگىلىنىشىچە، 2015-يىلىدىن باشلاپ پۈتۈن شەھەردىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرتىدىغان بولۇپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بۇ تەمىناتتىن تۇنجى بولۇپ بەھىرلەنگەن.
ئىگىلىنىشىچە، پۈتۈن شەھەردىكى ھەربىر ئوقۇغۇچىنىڭ سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرۈش بۇ يىل ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكوم، شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىغا قويغان يۈز ياخشى ئىشنىڭ بىرى بولۇپ، ئەسلىدە ھەربىر ئوقۇغۇچى تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك 29 يۈەن سالامەتلىك تەكشۈرتۈش ھەققىنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك سەھىيە ئىدارىسى ئۆز ئۈستىگە ئالىدىكەن.
بۇ يىلدىن باشلاپ ھەر يىلى باھاردا ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئېگىزلىك، ئېغىرلىق ۋە ئۆپكە، يۈرەك ئىقتىدارىنى ھەقسىز تەكشۈرتەلەيدىكەن.
![]() |
2016-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە شىنجاڭ يەرمەنكە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەك-ئىچمەك كۆرگەزمىسىدىكى يارقىن نوقتا- شىنجاڭ ئۇيغۇر نان مەدەنىيتى
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved