فىرانسىيەنى ئايلىنىش ۋېلسىپىت مۇسابىقىسىنى تەشكىللىگۈچىلەر 10-ئىيۇل ئۆتكۈزۈلگەن 6-مۇسابىقە بۆلىكىدىكى مۇسابىقىدە ، 100 يىل ئىلگىرى فىرانسىيەنىڭ شىمالىي ئۇرۇش مەيدانىدا قۇربان بولغانلارنى خاتىرىلىدى . بۇ فىرانسىيەنىڭ 1-دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن ئۆتكۈزگەن 2000 دىن ئارتۇق تۈرلۈك خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنىڭ بىرى .
6-مۇسابىقە بۆلىكىدىكى مۇسابىقە تارىخىي ساياھەت شەھىرى ـــ ئارراستا باشلىنىدىغان بولۇپ ، ماھىرلار ۋېلسىپىتلىق شەرققە قاراپ مېڭىپ رېيمسقا يېتىپ بارغاندا ، 194 كىلومېتىرلىق مۇسابىقە ئاخىرلىشىدۇ . فىرانسىيە زۇڭتۇڭى خوللاند فىرانسىيەنى ئايلىنىش ۋېلسىپىت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ مەخسۇس ماشىنىسىغا ئولتۇرۇپ نەق مەيدانغا يېتىپ بېرىپ ، ماھىرلاغا مەدەت بېرىپ ، 1-دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرىلىدى .
ئەڭ ئاخىرىدا گېرمانىيەلىك ماھىر گرېيپىل 4:11:39 لۇق نەتىجە بىلەن 6-بۆلەكتىكى فىرانىسيەنى ئايلىنىش ۋېلسىپىت مۇسابىقىسىنىڭ شەخسلەر بويىچە چېمپيۇن بولدى .
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved