بۈگۈنكى كۈندە، ئىناۋەتلىك كارتا تەدرىجىي ھالدا بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزغا كىرىپ، ئالدىدا ئىستېمال قىلىپ كېيىن پۇل قايتۇرۇش فۇنكىسىيەسى كارتا ئىستېمالچىلىرىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. ئەمما كۆپچىلىك بىلمەسلىكى مۇمكىن، ئىناۋەتلىك كارتىنىڭ پۇل قايتۇرۇش ۋاقتىنى ئۆتكۈزۈۋېتىش ياكى پۇل قايتۇرۇشنى ئۇنتۇپ قېلىش سەۋەبلىك كارتا ئىشلەتكۈچىگە «بىر قارا چېكىت» ئۇرۇلۇپ قالىدۇ. ئەمما بەك قورقۇپ كېتىشنىڭمۇ ھاجىتى يوق، ئەگەر پۇل قايتۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالغان بولسىڭىز ۋاقتىدا تولۇقلاپ قايتۇرۇۋەتسىڭىز بولىدۇ، ئەمما قەستەن قايتۇرمىغان بولسىڭىز، ئۇ ھالدا ئېغىر ئاقىۋەتلەرگە قالىسىز.
ئىگىلىنىشچە، نۆۋەتتە كۆپ قىسىم بانكىلار تولۇق سوممىلىق قەرز قايتۇرۇش بويىچە ئۆسۈم ھېسابلاشنى يولغا قويغان، يەنى سىز بىر تىيىن پۇلنى كەم قايتۇرسىڭىزمۇ، شۇ ئايدا قايتۇرۇشقا تېگىشلىك ئومۇمىي پۇلنىڭ ئۆسۈمىنى ئۈستىڭىزگە ئالىسىز، شۇڭا پۇل قايتۇرۇش قەرەلىدىن ئۆتۈپ كەتكەن ۋاقىت قانچە ئۇزۇنغا سوزۇلسا، سوممىسى قانچە كۆپ بولسا، ئۆسۈمىمۇ تەبىئىيلا شۇنچە كۆپ بولىدۇ.
ئىناۋەتلىك كارتىنىڭ پۇل قايتۇرۇش ۋاقتى ئۆتۈپ كەتسە يۇقىرى سوممىلىق ئۆسۈم تۆلىگەندىن باشقا، يەنە شەخسنىڭ ئىشەنچىلىك دەرىجىسىگە تەسىر يېتىدۇ. ئالاقىدار بانكىنىڭ خىزمەتچى خادىمى ئۇدا ئۈچ ئاي پۇل قايتۇرمىسا، بانكىنىڭ كارتىنى توڭلىتىۋېتىدىغانلىقىنى، ھەتتا قارا تىزىملىككە كىرگۈزىۋېتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شەخسنىڭ ئىشەنچىلىك دەرىجىسىگە داغ تېگىپ قالسا، كېيىن ئىناۋەتلىك سومما ئىلتىماس قىلىشقا تەسىر يەتكەندىن باشقا، يەنە ئۆي قەرزى ئىلتىماس قىلغان ۋاقىتتا تەستىقلانماسلىقتەك ئەھۋال كېلىپ چىقىدۇ. شۇڭا شەخسنىڭ ئىشەنچىلىك دەرىجىسىگە داغ تەگكەن ھامان، چوقۇم پۇلنى ئاكتىپ قايتۇرۇش لازىم، ئۇدا ئىككى يىل ياخشى بولغان ئىناۋەت خاتىرىسىنى ساقلىغاندىن كېيىن، بۇ قارا داغ تەبىئىيلا يوقايدۇ.
مەن ئىناۋەتلىك كارتا ئىشلەتكۈچىلەرگە يەنىلا پۇلنى ۋاقتىدا قايتۇرۇش تەكلىپى بېرىمەن، گەرچە بىرقىسىم بانكىلار «ۋاقىت ۋە سوممىدا ئېتىبار قىلىش» مۇلازىمىتىنى يولغا قويغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ مۇلازىمەتنى ئالدىن ئىلتىماس قىلىش كېرەك، شۇڭا ئەگەر ئەڭ ئاخىرقى پۇل قايتۇرۇش كۈنىنى قولدىن بېرىپ قويسىڭىز، ئىناۋەتلىك كارتا خېرىدارلار مۇلازىمىتى ئورنىغا ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈپ، «ۋاقىت ۋە سوممىدا ئېتىبار قىلىش» مۇلازىمىتىدىن ياخشى پايدىلىنىڭ، بۇنداق بولغاندا بەلكىم پۇل قايتۇرۇش ۋاقتى ئۆتۈپ كېتىش سەۋەبىدىن شەكىللەنگەن ئۆسۈمنى تۆۋەنلىتەلىشىڭىز مۇمكىن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved