ئەڭ يېڭى تور ۋىدېيوسىدىن ئايان بولۇشىچە، ئامېرىكا ئارمىيەسى 19-ئۆكتەبىر كەچتە سۈرىيەنىڭ كىبانى رايونىغا ھاۋادىن تاشلىغان بىر قىسىم قورال-ياراقلىرى ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى قوراللىق ئۇنسۇرلىرىنىڭ قولىغا چۈشكەن.
21-ئۆكتەبىر ئېنتىرنىت تورىدا كۆرسىتىلگەن بۇ ۋېدىيودىن ئايان بولۇشىچە، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ھاۋادىن تاشلىغان ماددىي ئەشيالىرى ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي قوراللىق تەشكىلاتىنىڭ كىبانىدا كونتىرول قىلىپ تۇرغان رايونىغا چۈشكەن، بىر قوراللىق ئۇنسۇر بۇ ماددىي ئەشيانى ئاچقان، ھەمدە بىردىن-بىردىن كۆرسەتكەن، بۇ ماددىي ئەشيالار بىر يەشىك گىرانات، بىر يەشىك راكىتامىيوت ئوقى، ۋە بىر يەشىك RPGبەلگىلىك راكىتامىيوت ئوقى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، باشقا قوراللىق ئۇنسۇرلار ئامېرىكىدا ئىشلەنگەن ئاپتوماتنىڭ سۈرئىتىنى كۆرسەتكەن، ھەمدە ئامېرىكىغا رەھمەت دېگەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved