سۈرەتتە بوۋاق سۈت ئىچىپ تۇرۇپ سوتقا قاتناشماقتا
ۋاڭيى تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى
(يەر شارى تورى ئۇنىۋېرسال خەۋىرى) ئەنگلىيە «ئەينەك گېزىتى» نىڭ 4- ئاينىڭ 4- كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىندا ئەمدىلا توققۇز ئايلىق بولغان كىچىك مۇھەممەد (مۇھەممەد موسا خان) قولىدا ئېمىزگىلىك بوتۇلكا تۇتقان ھالدا پاكىستاندىكى سوت مەيدانىدا پەيدا بولدى، ئۇ بوۋاق قەستەن سۈيقەست قىلىش جىنايىتى ئۆتكۈزدى دەپ ئەرز قىلىنغانىدى.
تەپسىلاتلارغا قارىغاندا، مۇھەممەد ھەم ئائىلىسىدىكىلەر ساقچىلار ئوغرى تۇتۇۋاتقان جەرياندا ساقچىلارغا تەھدىد سالغان، ھۆكۈمەت ئىشىغا دەخلى قىلغان دەپ ئەرز قىلىنغان.
بىر قىسىم ساقچىلار، ساقچىلار كالتەك ۋە تاش ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرىنى دەل كىچىك مۇھەممەد تاشلىدى دېگەن.
مۇھەممەدنىڭ بوۋىسى «ھىندىستان ۋاقىت گېزىتى» گە مۇنداق دېگەن، «بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى ئەينى ۋاقىتتا پەقەت ئولتۇراق رايونىمىزدىكى توك يېتىشمەسلىك مەسىلىسىگە ئېتىراز بىلدۈرگەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە مېنىڭ نەۋرەم مۇشۇ پەيىتتە بوتۇلكىسىنى ئېلىپ ساقچىلارغا ئېتىشنى قانداق بىلسۇن، ساقچىلارغا تاش پارچىسى ئېتىشى مۇمكىنمۇ؟»
بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ ئاقلىغۇچى ئادۋوكاتى چودرى ئىرفان(Chaudhry Irfan) نىڭ دېيىشىچە، «بۇ دېلو يەرلىك ساقچىلارنىڭ كەمچىلىكىنى ئېچىپ تاشلىدى، بۇ ساقچىلارنىڭ ۋەزىپىسىنى ئادا قىلماسلىقى، مۇھەممەدنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ئالاقىسى يوق.»
نۆۋەتتە، مۇھەممەدنىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلغان بىر قانچە ساقچى خىزمىتىدىن توختىتىلغان.
مەنبەسى يەرشارى ۋاقىت گېزىتى – يەر شارى تورى
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved