2016-يىللىق زۇڭتۇڭ سايلىمىدا بوش جەمەتىدىكىلەر قايتا باش كۆتۈرەمدۇ؟

ئامېرىكا فىلورىدا ئىشتاتىنىڭ سابىق باشلىقى بوشنىڭ ئوغلى جورجى. پۇرېيسىكېت.بوش 26-ئۆكتەبىر مۇنداق دېدى: مېنىڭ دادام 2016-يىللىق زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتنىشىشقا تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ، ئۇنىڭ جۇمھىرىيەتچىلەر پارتىيەسى پارتىيە ئىچى ئالدىن سايلىمىغا قاتنىشىش مۇمكىنچىلىكى چوڭ.


جەب بوش بۇنىڭدىن ئىلگىرى مۇنداق دېگەن ئىدى: بۇ يىلنىڭ ئاخىرى ياكى كېلەر يىلنىڭ بېشىدا قاتنىشىش قاتناشماسلىقىمنى قارار قىلىمەن، بەزى سايلام تەدبىرچىلىرى مۇنداق دېدى: ئەگەر ئۇ جۇمھىرىيەتچىلەر پارتىيەسى زۇڭتۇڭ نامزاتلىقىغا كورسىتىلسە نۇرغۇن ئامېرىكىلىقلارنى چوڭ بوش ۋە كىچىك بوشتىن كېيىن يەنە بىر بوشنىڭمۇ ئامېرىكىدا زۇڭتۇڭ بولسا بولىدىغانلىقىغا ئىشەندۈرەلىشى كېرەك.


4-نويابىرنىڭ ئوتتۇرلىرى سايلامغا ئاۋاز بېرىلىدۇ، ھازىر ئىككى يىلدىن كېيىنكى زۇڭتۇڭ نامزاتى ھەققىدىكى پەرەزلەر تۈگىمىدى، تېكساس ئىشتاتىنىڭ يەر مەمۇرىيىتى ۋالى نامزاتى پېرېيسىكېت ئامېرىكا رادىيو شىركىتىنىڭ بۇ ھەپتىلىك سۆھبەت پروگراممىسىدا: دادىسىنىڭ يەنىلا سايلامغا قاتنىشىشنىڭ پايدىسى ۋە زېيىنى ھەققىدە ئويلىشىۋاتقانلىقى، ئەمما بۇ قېتىم ئالغا ئىلگىرلەش ھەققىدە ئەستايىدىل ئويلىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.


جەب. بوشنىڭ تولۇق ئىسىمى جەب. ئەيلىس. بوش، بۇ يىل 61 ياشتا، سابىق زۇڭتۇڭ جورجى.ۋوبېرت.خوك.بوشنىڭ ئىككىنچى ئوغلى، سابىق زۇڭتۇڭ جورجى.خوك.بوشنىڭ ئىنىسى. 1999-يىلىدىن 2007-يىلىغىچە فىلورىدا ئىشتاتىنىڭ باشلىقى بولغان، 2012-يىلى ئۇ جۇمھىرىيەتچىلەر پارىيەسىنىڭ نۇرغۇن تەكلىپلىرىنى چىرايلىقچە رەت قىلىپ، زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتناشمىغان ئىدى.


2016-يىلىدىكى زۇڭتۇڭ سايلىمىدا دېموكراتلار پارتىيەسى تەرەپتە سابىق دۆلەت ئىشلىرى كاتىۋى، سابىق بىرىنچى خانىم ھىلارى كىلىنتوننىڭ زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتنىشىش سادالىرى كۆپەيدى، يەنە بىر نامزات مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ جوسۇپ.بېدىن. جۇمھىرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ ئىچكى قىسىمىدىكى كۆرەش جىددى، بۇ بىر مەيدان قالايمىقانچىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، يېڭى جېرسىي ئىشتاتىنىڭ باشلىقى كىرىستى، پارلامېنت كېڭەش پالاتاسىنىڭ باشلىقى لۇبىئو ۋە ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى رۇيئەن قاتارلىق چوڭ كۇزۇرلارنىڭ ھەممىسى سايلامغا قاتنىشىدۇ.


جەب.بوش ھەرقايسى تەرەپلەردىن جۇمھىرىيەتچىلەر پارتىيەسى نامزاتلىقى ئۈچۈن ئاۋاز توپلىماقتا، ھەر كۈنى دىگۈدەك باشقىلار ئۇنىڭ سايلامغا قاتنىشىدىغان قاتناشمايدىغانلىقىنى سورىماقتا، ئۇ 23-ئۆكتەبىر گىرىنۋىل شەھىرىدە: سايلامغا قاتنىشىش زور قارار، مېنىڭ ئائىلەمگە مۇناسىۋەتلىك، مېنىڭچە كېلەركى نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ سايلىمى كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك،ئۇنىڭدا بەزى مەسىلىلەر ھەل قىلىنىشى كېرەك دېدى.


رېيتېر ئاگېنتلىقى جۇمھىرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىكى بەزى كىشىلەرنىڭ گۇمانىغا قارىتا مۇنداق دېدى: ئەگەر جەب بوش سايلامغا قاتنىشىشنى قارار قىلسا، ئۇنىڭ تەييارلىق ۋاقتى چوڭ بوش ۋە كىچىك بوش ئەينى يىلى تۇنجى قېتىم سايلامغا قاتنىشىشقا تەييارلىق قىلغان ۋاقىتتىكىدىن ئۇزۇن بولىدۇ. چوڭ بوش 1985-يىلى 3 يىلدىن كېيىن ئۆتكۈزۈلىدىغان زۇڭتۇڭ سايلىمىغا تەييارلىق قىلىشقا باشلىغان ئىدى، كىچىك بوش 2000-يىلى زۇڭتۇڭلۇققا سايلاندى، ئەمما 1998-يىلى تەييارلىق قىلىشقا باشلىغان.

پۇرېيسىكېت 26-ئۆكتەبىردىكى زىيارەت پروگراممىسىدا: ئەگەر دادام سايلامغا قاتنىشىشنى قارار قىلسا، ھەممىمىز يۈزدە يۈز قوللايمىز دېدى. جەب. بوش مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرىغا رەپىقىسى كېلۇنبانىڭ ئۆزىنى قوللايدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.


كېلۇنبا مىكسىكىدا تۇغۇلغان، ئۇنىڭ جەب بوش بىلەن توي قىلغىنىغا 40 يىل بولدى، جەب بوش كۆچمەنلەرگە ئېچىۋېتىش پوزىتىسىيەسى تۇتىدۇ، قانۇنسىز كۆچمەنلەرنىڭ قانۇنلۇق سالاھىيەتكە ئېرىشىشى ئۈچۈن يول ئېچىپ بېرىشنى قوللايدۇ، شۇڭا مۇشۇ سەۋەبتىن نۇرغۇن جۇمھىرىيەتچىلەر پارىتيەسىدىكى مۇتەسسىپ كۈچلەرنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان، ئەگەر ئۇ زۇڭتۇڭلۇق سايلىمىغا قاتناشسا فىلورىدا ئىشتاتىدا ئولتۇراقلىشىپ قالغان لاتىن ئامېرىكىسى ئەۋلادى سايلىغۇچىلىرى ۋە لاتىن ئامرىكىسى ئارقا كۆرۈنۈشى بار ئايالىنىڭ ئۇنىڭ ئۈچۈن لاتىن ئامېرىكىلىق سايلىغۇچىلارنى يېنىغا تارىتىشىغا پايدىسى بولىدۇ.


ئۇنىڭدىن باشقا جەب.بوش مۇنداق دېدى: مېنىڭ ئانام، يەنى چوڭ بوشنىڭ ئايالى بابارا بوش ھازىر ئوتتۇراھال مەيداندا تۇرۇۋاتىدۇ، ئىلگىرى بىرىنچى خانىم بولغان بابارا ئۆتكەن يىلى 4-ئايدا: جەب بوش ئەڭ مۇۋاپىق نامزات دېگەن بولسىمۇ ئەمما ئۇ يەنە جەب بوشتىنمۇ مۇۋاپىق نامزاتلارنىڭ بارلىقىنى ئېيتىپ، بىزنىڭ زۇڭتۇڭ بولغان بوشلىرىمىز ئاز ئەمەس دېگەن ئىدى.


بەزى سىياسى ئىئانىچىلار مۇنداق دېدى: كېيىن باشلاپ قېلىش ھىچگەپ ئەمەس، جەب بوش سايلامغا قاتناشسىلا ئۇنىڭ سىياسى ئىتىتپاقى ۋە ئىلگىرى چوڭ بوش، كىچىك بوشنى قوللىغۇچىلارنىڭ يارىدىمىدە ناھايىتى تېزلا ئۆزىنىڭ سايلام مەبلەغ تورىنى بەرپا قىلالايدۇ.
ئەمما بوش جەمەتى سىياسى مۈلۈك بولۇشىمۇ يۈك بولۇشىمۇ مۇمكىن، تەھلىلچىلەر مۇنداق دېدى: ئەگەر ئۇ جۇمھىرىيەتچىلەر پارتىيەسى زۇڭتۇڭ نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلسە چوقۇم ئامېركىلىقلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرالايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىشى، نۇرغۇنلىغان ئامېرىكىلىقلارنى قايىل قىلالىشى كېرەك.

 

 

 

 



خەتكۈچلەر:
30-10-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى،     ئامېرىكىنىڭ قاتاردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دانا سىچېل (Dana Schell) شۇ جاي ۋاقتى 9-چىسلا ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ قاتارنى ھاقارەتلەش قى...
11-06-2016
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:    ئارگېنتىنا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 9-ئىيۇن ئاخبارات ئېلان قىلىپ، مالۋىناس تاقىم ئاراللىرىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتا تەكىتلىدى ھەمدە ئەنگلىيەنىڭ بۇ ئارالنىڭ تەۋە...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، پاكىستان ھەيدەرئاباد، شۇ كۈنى پاكىستاننىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئامېرىكىغا قارشى كۈچ كۆرسىتىش نامايىشى پارتلىغان بولۇپ، پاكىستان پۇقرالىرى ئامېرىكا دۆلەت بايرىقىنى كۆيدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ پاكىستاندا ...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     شۇ جاي ۋاقتى 6- ئاينىڭ 10- كۈنى پاكىستاننىڭ سېند ئۆلكىسىنىڭ كاراچى شەھىرىدىكى بىر مەسچىتنىڭ چوڭ سايۋىنى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، بەش ئادەمنىڭ قازا قىلىشى ۋە ...
11-06-2016
پايدىلىنىش ئۇچۇرلىرى تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىللاردا مېكسىكا ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىغا كىرىدىغان جۇڭگولۇق قانۇنسىز كۆچمەنلەر شىد...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى زاخاروۋا شۇ جاي ۋاقتى 10- ئىيۇن مۇنداق دېگەن: رۇسىيە ئۈچىنچى بىر تەرەپنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىگە قول تىقىشىنىڭ ۋەزىي...
10-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى، كامبودژا فنوم پېن، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى يۈزىگە چىرايلىق ھەم قېنىق پەرداز قىلىپ، جىن-شاياتۇنلارنى قوغلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاغرىق-سىلاقتىن يىراق تۇرۇشىنى شۇنداقلا مول-ھوسۇل...
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
Powered by Leglek