ئامېرىكا پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى بونا 21- نويابىر، ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ داۋالاش ئىسلاھاتى لايىھەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەريانىدا ئاساسى قانۇندا بېرىلگەن ھوقۇق چەكلىمىسىدىن ھالقىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، ئاۋام پالاتاسىنىڭ سوت مەھكىمىسىگە رەسىمى ئەرز سۇنغانلىقىنى جاكارلىدى.
بونا مۇنداق دېدى: ئاۋام پالاتاسى شۇ كۈنى سەھىيە ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەت مىنىستىرى بوۋار بىلەن مالىيە مىنىستىرى رولىنى جاۋابكار قاتارىغا كىرگۈزدى. ئەرزنامىدە ئوباما ھۆكۈمىتىنى داۋالاش ئىسلاھات لايىھەسىدىكى شىركەت ئىگىسىنىڭ قول ئاستىدىكىلەرگە داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئېلىپ بېرىش توغرىسىدىكى ماددىلارنى يول قويۇشنى كېچىكتۈردى، ئوباما ھۆكۈمىتى قوشما شتات ھېساباتىدىن مەبلەغنى ئىشلىتىپ سۇغۇرتا شىركىتىگە 175 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى تۆلىدى دەپ شىكايەت قىلىپ، يۇقىرىقى ئىككى تۈرنى قانۇنغا خىلاپ دېگەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved