باشالىق ئەر دولىسغا مىلتىقىنى ئېسىپ سەيمىن ئالدىدا يىراقتىن كەلگەن مېھماننى قارشى ئېلىۋاتىدۇ. باشا مىياۋسەي قەبىلىسى گۈيجۇ ئۆلكىسى سوڭجىياڭ دالا سىرتىدىكى دېڭىز يۈزىدىن 550 مېتىر ئېگىزلىكتىكى تاغلىققا جايلاشقان بولۇپ، 300 دىن ئارتۇق ئائىلە تۇرىدۇ، تا ھازىرغا قەدەر مەزكۇر كەنت ئاھالىسى ئوۋ مىلتىقى ئېلىپ يۈرۈش (باشانىڭ قورالغا ئىگە بولۇشى ج خ ئورگانلىرىنىڭ ئالاھىدە تەستىقىغا ئېرىشكەن)، ئورغاق بىلەن چاچ چۈشۈرۈش ۋە قەدىمىي دەرەخلەرگە باش ئۇرۇش قاتارلىق ئەنئەنىۋى تۇرمۇش ئادىتىنى ساقلاپ كەلمەكتە. باشا ئەرلىرى پېشانىسىگە چاچ قويۇپ، ھەركۈنى بېلىگە ئۇزۇن پىچاق ئېسىپ، مۈرىسىگە مىلتىقىنى ئارتىپ، مېھمان كەلگەندە ھەيۋەت بىلەن سەيمېن ئالدىدا قومۇش نەينى چالىدۇ، باشا خانقىزلىرىمۇ كالا مۈڭگۈز قەدەھكە لىققىدە مەينى قۇيۇپ مېھمانغا تۇتىدۇ. نەي ئاۋازى توختىغاندىن كېيىن، بەش ئاتار مىلتىقىدىن ئۈچ قېتىم ئوق چىقىرىدۇ، ھەمدە ئوۋ مىلتىقى بىلەن ھاۋاغا پاراسلاپ ئوق ئېتىشقا باشلايدۇ-دە، سەيمېننىڭ چوڭ دەرۋازىسىنى ئېچىپ مېھماننى كۈتىۋالىدۇ. باشا مىياۋسەي قەبىلىسى «جۇڭگودىكى ئەڭ ئاخىرقى قوراللىق قەبىلە» دەپ ئاتىلىدۇ.
بىر نەپەر باشا ئاقساقىلى ئوۋ مىلتىقىنى دولىسىغا ئېلىپ سەيمېن ئالدىدا يىراقتىن كەلگەن مېھمانلارنى كۈتىۋاتىدۇ.
باشالىق ئەركەكلەر ئاسمانغا قاراپ ئوق ئېتىپ يىراقتىن كەلگەن مېھمانلارنى كۈتىۋاتىدۇ.
باشا مىياۋسەيدىكى ئاقساقال ئورغاق بىلەن ياش يىگىتلەرنى چېچىنى چۈشۈرىۋاتىدۇ.
بىر نەپەر باشالىق ئەر مىلتىقىنى دولىسغا ئارتقىنىچە كەنتتىن ئۆتۈۋاتىدۇ.
باشادىكى مىياۋزۇ قېرىنداشلار يىراقتىن كەلگەن مېھمانلارغا شۇ يەرنىڭ ئەنئەنىۋى توي مۇراسىمىنى كۆرسىتىۋاتىدۇ.
باشادىكى ئەركەكلەر قومۇش نەي چېلىپ يىراقتىن كەلگەن مېھمانلارنى قارشى ئېلىۋاتىدۇ.
مىياۋزۇ قىزلىرى بىللە ئويناۋاتىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved