7-سېنتەبىر تيەنجىندە ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭگو ئاپتوموبىل كەسپى تەرەققىياتى تەيدا خەلقئارا مۇنبىرىدە مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى ئاپتوموبىل كەسپى پەيدىن-پەي سىياسەتلىشىش دەۋرىگە قەدەم قويدى ھەمدە قانۇنغا تايىنىش ئارقىلىق كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان بولدى.
دۆلەتلىك ئۇچۇر مەركىزى ئۇچۇر بايلىقى بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى شۇ چاڭمىڭ مۇنداق دېدى: كەلگۈسىدە، نۇرغۇن دۆلەتلەر مەدەت بېرىش سىياسىتى ياكى ئەنئەنىۋى ئاپتوموبىل كەسپىنى باشقۇرۇش مېخانىزمىدىن پەيدىن-پەي چېكىنىدۇ، قانۇن ھۆكۈمەتنىڭ ئاپتوموبىل كەسپىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان مۇھىم ۋاسىتە بولىدۇ.
دۆلەتلىك تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى كەسىپلەرنى ماسلاشتۇرۇش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى نيەن يۇڭ مۇنبەر مەزگىلىدە مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ يىللىق ئاپتوموبىل مەھسۇلات مىقدارى ئۇددا بەش يىل دۇنيا بويىچە 1-ئورۇندا تۇرۇپ، ئىسمى جىسمىغا لايىق ئاپتوموبىل چوڭ دۆلىتى بولۇپ قالدى.
نۆۋەتتە، جۇڭگو ئىلگىرىكى ئەنئەنىۋى ئاپتوموبىل كەسپىنى ماكرولۇق باشقۇرۇش شەكلىنى ئۆزگەرتىپ، كەسىپ قانۇنى تۈزۈپ، ئېلىمىزنىڭ ئاپتوموبىل كەسپىنى باشقۇرۇشنى پەيدىن-پەي قانۇنچىلىق يولىغا چۈشۈرۈشنى كۈتمەكتە.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved