بۈگۈن ئېچىلغان شياۋمى تېلېۋىزورى ئېلان قىلىش يىغىنىدا، شياۋمى رەسمىي تۈردە ئۆز بايرىقى ئاستىدىكى 43 دىيۇملۇق ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېلېۋىزور-شياۋمى تېلېۋىزورى 3S نى ئېلان قىلغان، سېتىلىش باھاسى بولسا 1799 يۈەنگە بېكىتىلگەن. بۇ تېلېۋىزورنىڭ ئاساس گەۋدىسىگە مېتال ماتېرىيال قىلىنىپ، دەرىجىدىن تاشقىرى نېپىز لايىھەلەنگەن، قېلىنقى ئاران 19.0 مىللىمېتىر بولۇپ، ئىلگىرى بازارغا سېلىنغان 40 دىيۇملۇق نۇسخىسىدىن %24.8 نېپىز، %6 يېنىك ئىكەن، ئېغىرلىقى پەقەت 9.32 كىلوگرام ئىكەن، ئىگىلىش نىسبىتى 0.00015 بولۇپ، نېپىز ۋە قاتتىق بولۇشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىلگەن. چاتقۇ قىسمى Volex بىلەن ھەمكارلىشىپ لايىھەلەنگەن. شياۋمى يىغىندا دۇنيا بويىچە ئەڭ ياخشى تېلېۋىزور ياساپ چىقىش، ھەمدە ئۇنى ھەر قانداق ئادەم سېتىۋالالايدىغان قىلىش، شۇنداقلا پەقەت ئالىي دەرىجىلىك تېلېۋىزورلارنىلا ئىشلەپچىقىرىشنى ئۆزىنىڭ نىشانى قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
سەپلىمىسىگە كەلسەك، 43 دىيۇملۇق نۇسخىدىكى بۇ شياۋمى تېلېۋىزورىغا MStar 6A908 تىپلىق تېلېۋىزور بىر تەرەپ قىلغۇچىسى سەپلەنگەن بولۇپ، ئۇ تۆت دانە A9 يادرودىن تۈزۈلگەن، ئاساس چاستوتىسى 1.45GHz گە يېتىدۇ، Mali-450 تىپلىق شەكىل بىر تەرەپ قىلغۇچ توپلاشتۇرۇلغان؛ 1GB لىق ئىچكى ساقلىغۇچ، 8GB لىق تېز سۈرئەتلىك ساقلىغۇچ سەپلەنگەن، قوش چاستوتىلىق سىمسىز تور ۋە تۆۋەن ئېنېرگىيە سەرپىياتىغا ئىگە كۆك چىش 4.0 ئىقتىدارلىرى ھازىرلانغان. LG ياكى يوۋدا (友达، AUO) تەمىنلىگەن يۇقىرى ئېنىقلىققا ئىگە سۇيۇق كىرىستال ئېكران ئىشلىتىلگەن.
بۇ تېلېۋىزور ئىلگىرى بازارغا سېلىنغان 40 دىيۇملۇق نۇسخىدىكى شياۋمى تېلېۋىزورى 2 گە سېلىشتۇرغاندا، باھا ۋە ئېكران چوڭلۇقى قاتارلىق جەھەتلەردە خېلى زور ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولۇپ، «ياشلارنىڭ تۇنجى تېلېۋىزورى» دەپ تەرىپلىنىشكە ھەقلىق دەپ قاراشقا بولىدىكەن.
![]() |
بۈگۈن بېيجىڭ شەھىرى شىياۋيىڭ شىمالىي يولىدا كېتىۋاتقان 569-يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسىدا پارتلاش يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەندە ئاپتوبۇستا پەقەت شوپۇر ئۆزى يالغۇز ئىدى، ۋەقەدە شوپۇر يارىلانمىغان.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved