ماكېدونىيە ئىمپېرىيەسىنىڭ ئىمپراتورىسى ئىسكەندەر بىر شەھەرنى ئىشغال قىلغاندا ئۇلۇغ كىچىك تىنىپ: مېنىڭ ئاڭلىغىنىم راستكەن، ئۇ مەن ئاڭلىغاندىنمۇ ھەيۋەتلىك ئىكەن دېگەن ئىدى، مانا بۇ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەڭ قەدىمىي شەھەر سەمەرقەنت.
سەمەرقەنت ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قەدىمىي دۆلەت ئۆزبەكىستاننىڭ ئوتتۇرا قىسىمىغا جايلاشقان، پايتەخت تاشكەنتكە تەخمىنەن 300 كىلومېتېر كېلىدۇ، تاشكەنتتىن ماشىنا بىلەن 3 سائەتتىن ئارتۇق يول يۈرسەك مانا بۇ يىپەك يولىدىكى مەرۋايىت شەھەرگە يېتىپ بارالايمىز.
سەمەرقەنت قويۇق غەربىي دىيار ئۇسلۇبىغا ئىگە شەھەر، شەھەر پاكىز، جىمجىت، بۇ يەردە ئۇنچە كۆپ ئېگىز ئىمارەتلەر يوق، تاغ باغرىغا قاتار قاتار ئاق، سۈت رەڭ كىچىك ئۆيلەر سېلىنغان، بۇ يەردە ئاسارە ئەتىقىلەر ناھايىتى كۆپ بولغاچقا ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمەيدۇ.مەسلەن: تۆمۈرىيلەر قەبرىستانلىقى، رىگىستان مەيدانى، بىبىخانىم مەسچىتى، ئۇلۇغبەگ رەسەتخانىسى قاتارلىق مەشھۇر قۇرۇلۇشلار بار.
بىبى خېنىم چوڭ مەسچىتى ئالدىدا پۈركەنجە كىيگەن بىر ئوتتۇرا ياشلىق ئايال تەشەببۇسكارلىق بىلەن مۇخبىرنىڭ ئالدىغا كېلىپ قىزغىن پاراڭلاشتى، ئۇنىڭ ئىسمى زىبى بولۇپ ھاۋا ياخشى بۇ كۈنلەردە ئىككى قىزىنى ئېلىپ سەيلىگە چىققان ئىدى، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: سەمەرقەنت ئۆزبەكئىستاندىكى ئىككىنچى چوڭ شەھەر، 2500 يىللىق تارىخقا ئىگە، مەن باشقا جايدىن توي قىلىپ مۇشۇ يەرگە كېلىپ ئۇزاق ئۆتمەي بۇ شەھەرنى ياقتۇرۇپ قالدىم.
مۇخبىر: سىز يىپەك يولىنى بىلەمسىز دەپ سورىغاندا زىبى ئىسىملىك بۇ ئايال كۈلۈپ كېتىپ كىچىك قىزىنىڭ گۈللۈك كۆينىكىنى كۆرسىتپ تۇرۇپ: ئەلۋەتتە بىلىمەن ،بۇ كۆينەكنى يېنىمىزدىكى بازاردىن سېتىۋالغان، جۇڭگودا ئىشلەپچىقىرىلغان، سۈپىتى ناھايىتى ياخشى، جۇڭگونىڭ توۋارلىرى يىپەك يولى ئارقىلىق بۇ يەرگە كېلىدۇ، بۇ بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزغا ناھايىتى كۆپ قولايلىق يارىتىپ بەردى، يىپەك يولى بىز ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم دېدى.
ھەم قەدىمىي ھەم زامانىۋىي شەھەر سەمەرقەنتتە خېلى بۇرۇنلا يىپەك يولىنىڭ ئىزى قالغان، بۇنىڭدىن ئىككى مىڭ نەچچە يىل ئىلگىرى خەن سۇلالىسىنىڭ ئەلچىسى جاڭ چىيەن غەربىي دىيارغا چىققاندا سەمەرقەنتتىن ئۆتكەن، ئەينى چاغدا بۇ جاي جۇڭگودىن ھىندىستان، ئەرەپ دۆلەتلىرى ۋە ياۋروپاغا چىقىدىغان مۇھىم ئۆتەڭ ئىدى، بۇ يەردە سودىگەرلەرنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمەيتتى.
قەدىمىي يىپەك يولى جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيانى تۇتاشتۇرۇپلا قالماي يەنە رايونلارنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى، ئوخشاش بولمىغان مىللەت، ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەتتتىكىلەرنىڭ ئۆزئارا سىڭىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى، بۈگۈنكى كۈندە كىشىلەر قەدىمىي يىپەك يولىنى قايتا گۈللەندۈرۈشنى، جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەرنىڭ دوستلۇق ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا پايدا يەتكۈزۈش ئاساسىدا ئورتاق غەلبە قىلىشنى ئۈمىد قىلماقتا.
تارىخي ۋەزىيەت ۋە دەۋرنىڭ تەلىپى بويىچە جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئۆتكەن يىلى ئوتتۇرا ئاسىيادە زىيارەتتە بولۇش جەريانىدا يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ تەشەببۇس ئۆزبەكىستان زۇڭتۇڭى كەرىموف ۋە ئۆزبەكىستاننىڭ ھەرقايسى ساھەسىدىكىلەرنىڭ بىردەك ماختىشى ۋە قوللىشىغا ئېرىشتى، ئۆزبەكىستان كۆپ قېتىم مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگونىڭ ئىستراتېگىيەلىك شېرىكى بولغان ئۆزبەكىستان يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇشقا قاتنىشىشنى خالايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە جۇڭگونىڭ تېخىمۇ كونكېرىت تەسەۋۋۇرلارنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنى قارشى ئالىدۇ.
1992-يىلى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىلغاندىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن ئۆزبەكىستان باشتىن ئاخىرى ئىزچىل، ساغلام، مۇقىم تەرەققىي قىلىش ۋەزىيىتىنى ساقلىدى، 2012-يىلى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ئىستراتېگيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋەت سەۋىيەسىگە كۆتۈرۈلدى، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد سودا مۇناسۋىتى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى، جۇڭگو ئۆزبەكىستاننىڭ ئىككىنچى چوڭ سودا شېرىكى، بىرىنچى چوڭ مەبلەغ سالغۇچى دۆلەت بولۇپ قالدى، ئۆزبەكىستاندا جۇڭگو مەبلىغى بىلەن قۇرۇلغان كارخانىلار 500 گە يەتتى، بۇ ئېنېرگىيە، قاتناش، خەۋەرلىشىش، ماشىنىسازلىق، خىميە سانائەت، بىناكارلىق، يېزا ئىگىلىك، پۇل مۇئامىلە قاتارلىق ساھەلەرگە چېتىلىدۇ.
ھەمكارلىق، ئورتاق غەلبە قىلىش ئالاھىدىلىك قىلىنغان يىپەك يولى روھى دەۋر ئېقىمىغا ماس كېلىدۇ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشىغا غايەت زور سودا پۇرسىتى ۋە ھاياتى كۈچ مۇجەسسەملەنگەن، كىشىلەر يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ ئۆزبەكىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرگە بەخت يارىتىدىغانلىقىغا ئىشىنىشكە ھەقلىق، قەدىمىي سەمەرقەنت سېھرى كۈچىنى قايتا نامايەن قىلغۇسى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved