گۇگېل شىركىتى تۈنۈگۈن ئۆزىنىڭ شوپۇرسىز يەنى ئاپتوماتىك ھەيدىلىدىغان ئاپتوموبىلىنىڭ ئەڭ يېڭى لايىھەسىنى سىرتقا ئاشكارىلىغان، كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان يېرى، بۇ لايىھەدىكى ئاپتوموبىلغا تورمۇز، ماي پىدالى ھەتتا رول قاتارلىقلارنىڭ ھېچقايسىسى سەپلەنمىگەن، ئۇنىڭغا پەقەت بىرلا كۇنۇپكا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىكەن. ئىگەللىنىشىچە، گۇگېل دۇنيادىكى بىر نەچچە چوڭ ئاپتوموبىل زاپچاسلىرىنى ياسىغۇچى كارخانىلار بىلەن بىرلىكتە، يۇقارقى ئاپتوماتىك ھەيدىلىدىغان ئاپتوموبىلنىڭ دەسلەپكى لايىھىسىنى ئوتتۇرىغا چىقارغان، شۇنداقلا كەلگۈسىدە بۇ خىلدىكى ئاپتوموبىلدىن 100-200 گىچە ئىشلەپچىقىرىش پىلانى بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
گۇگېل شىركىتىنىڭ ھەمكارلىشىپ قۇرغۇچىسى Sergey Brin يۇقارقى ئۇچۇرنى ئامېرىكىدىكى داڭلىق تېخنىكا تاراتقۇسى Re/code تورى ئۇيۇشتۇرغان «پىروگرامما تۈزۈش چوڭ يىغىنى» (Code Conference) ىدا ئاشكارىلىغان. Sergey Brin نىڭ دىيىشىچە، گۇگېل شىركىتىنىڭ مەزكۇر ئاپتوموبىل ئۇچۇرىنى بۇ ۋاقىتتا ئاشكارىلىشىدىكى سەۋەب، كىشىلەر ئۇزۇنلا قالمايلا بۇ خىل ئاپتوموبىللارنىڭ كوچىلاردا يول يۈرگىنىنى كۆرەلەيدىكەن.
«بىزنىڭ يۇمشاق دېتال ۋە سېنىزور سىستېمىمىز بارلىق خىزمەتكە مەسئۇل بولىدۇ. بۇ خىل دەسلەپكى لايىھەدىكى ئاپتوموبىللارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىرىلىشىدىكى مەقسەت ئىنتايىن ئاددىي، ئۇ بولسىمۇ بۇ ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ ھەقىقىي ئۇچۇرلارنى قولغا كەلتۈرۈپ، مەھسۇلاتىمىزغا قارىتا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەڭشەش ئېلىپ بېرىش. ئەلۋەتتە، بۇ ئاپتوموبىللار ھازىرمۇ قوزغىتىش كۇنۇپكىسى بېسىلغاندىن كېيىن، كىشىلەرنى كۆزلىگەن نىشانىغا ساق-سالامەت ئاپىرىپ قويالايدۇ.»
![]() |
5-ئاينىڭ 26-كۈنى كەچتە، سامسۇڭ Galaxy C5/C7 نى رەسمىي ئېلان قىلدى، بۇ مەخسۇس جۇڭگو بازىرى ئۈچۈن لايىھەلەنگەن مەھسۇلات ھېسابلىنىدۇ.
تاشقى كۆرۈنۈش جەھەتتە، Galaxy C5/C7 نىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى بۇندىن بۇر...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved