«ئاپېلسىن رەڭلىك لېنتا پارتىيىسى»دىكىلەر ئۈستىگە ئاپېلسىن رەڭلىك لېنتا چىگىۋالىدىغانلىقى ئۈچۈن، « ئاپېلسىن رەڭلىك لېنتا پارتىيىسى» يەنە (Orangemen) دەپ ئاتالغان. بۇ تەشكىلاتتىكىلەر ھەر يىلى
شۇ يەر ۋاقتى 2015-يىلى 7-ئاينىڭ 13-كۈنى، ئەنگىلىيە شىمالىي ئېرلاندىيىدىكى بېلفاست، شۇ يەردىكى يېڭى دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان < ئاپېلسىن رەڭلىك لېنتا پارتىيىسى› دىكىلەر يىللىق نامايىش ئۆتكۈزگەن بولۇپ، نامايىش جەريانىدا بىر ماشىنىنىڭ نامايىشچىلار توپى ئارىسىغا بېسىپ كىرىپ بىر ئايالنى سوقۇپ يارىلاندۇرۇش ۋەقەسى يۈز بەرگەن. ۋەقەدىن كېيىن ساقچىلار ۋەقە تۇغدۇرغان شوپۇرنى قولغا ئالغان. رەسىمدە ساقچىلار ۋەقەدە يارىلانغان ئايالنى قۇتقۇزماقتا.
شۇ يەر ۋاقتى 2015-يىلى 7-ئاينىڭ 13-كۈنى، ئەنگىلىيە شىمالىي ئېرلاندىيىدىكى بېلفاست، شۇ يەردىكى يېڭى دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان « ئاپېلسىن رەڭلىك لېنتا پارتىيىسى»دىكىلەر يىللىق نامايىش ئۆتكۈزگەن بولۇپ، ساقچىلار بۇ قېتىملىق نامايىشنى چەكلىگەچكە نامايىشچىلار بۇنىڭغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەن. «ئاپېلسىن رەڭلىك لېنتا پارتىيىسى» بولسا ئېرلاندىيىدىكى يېڭى دىن مۇرىتلىرى تەشكىللىگەن سىياسىي تەشكىلات بولۇپ، بۇ تەشكىلات يېڭى دىن ۋە ئەنگىلىيە پادىشاھلىقىغا ۋارىسلىق قىلىش ھوقۇقىنى قوغداشنى مەقسەت قىلغان. < ئاپېلسىن رەڭلىك لېنتا پارتىيىسى›دىكىلەر ھەر يىلى ئېرلاندىيىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا نامايىش ئۆتكۈزۈپ،ۋېللىيام شاھزادىنىڭ 1690-يىلى 7-ئاينىڭ 12-كۈنى بوينې جېڭىدە قولغا كەلتۈرگەن غەلىبىسىنى خاتىرىلەيدۇ. بۇ قېتىملىق ئۇرۇش ئەنگىلىيە يېڭى دىنى مۇرىتلىرى شۇنداقلا ئەنگىلىيىنىڭ شىمالىي ئېرلاندىيىدىكى ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى مۇقىملاشتۇرغان. لېكىن يېڭى دىن مۇرىتلىرىنىڭ نامايىشى ئەنگىلىيدىكى كاتولىك دىنى مۇرىتلىرى كۆپ ساننى ئىگەللەيدىغان رايونلاردىن ئۆتىدىغان بولغاچقا، ھەمىشە ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا ئېغىر توقۇنۇش كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭلاشقا ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى نامايىش كومېتىتىنىڭ < ئاپېلسىن رەڭلىك لېنتا پارتىيىسى›دىكىلەرنىڭ نامايىش لىنىيسىگە قارىتا چەك قويۇشىنى بۇيرۇغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved