شىن ئەننا 1915-يىلى تۇغۇلغان، ئۇ ج ك پ نىڭ گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكى قىسىمغا ئورۇنلاشتۇرغان ئالاھىدە خادىمى بولۇپ، 1935-يىلىدىن 1949-يىلىغىچە مەخپىي خىزمەت قىلغان، ئۇ ئاشۇ 15 يىلنىڭ 11 يىلىنى ج ك پ غا مەخپىي مەلۇمات يوللاش بىلەن ئۆتكۈزگەن.
شىن ئەننا تېز خاتىرىلەش كەسپىدە ئوقۇغاچقا، ئەينى چاغدا گومىنداڭنىڭ جېجىياڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمىتىدىن خىزمەت تاپقان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئۇ مىنۇتىغا 200 خەتنى خاتىرلىيەلەيدىكەن. ئۇنىڭ بۇخىل ئالاھىدىلىكى گومىنداڭ جېجياڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى جۇ جىياۋ خۇانىڭ دىققىتىنى قوزغىغان، ئاستا-ئاستا ئۇنىڭ ئەتىۋارلاپ ئىشلىتىشىگە مۇيەسسەر بولغان، ئۇزاق ئۆتمەي خۇا مىڭجى ئىسىملىك بىر يىگىت بىلەن مەخپىي پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ كۆرسەتمىسى بىلەن خاڭجۇغا كېلىپ جېجىياڭ-جىياڭشى تۆمۈريول ئىدارىسىدىن خىزمەت تېپىپ، شىن ئەننانىڭ خىزمىتىگە ماسلاشقان. 1935-يىلى كۈزدە ئۇلار توي قىلغان.
1937-يىلى ياپونىيە جۇڭگوغا تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى قوزغىدى. ئۇرۇش ئوتى ئۇزاق ئۆتمەي شاڭخەي، خاڭجۇ قاتارلىق جايلارغا تۇتاشتى، شىن ئەننا بىلەن خۇا مىڭجى گومىنداڭ جېجياڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ئورگىنىدىكىلەرگە ئەگىشىپ غەربكە يۆتكەلدى، شۇنداق قىلىپ ئۇلارنىڭ شاڭخەيدىكى پارتىيە تەشكىلاتى بىلەن بولغان ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالدى.
1938-يىلىدىن كېيىن ۋەزىيەت يەنىمۇ ئېغىرلاشتى، ئەمدى قەيەرگە يۆتكىلىش كېرەك؟ شىن ئەننا جېجياڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتتىكى خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىپ ۋۇخەنگە كېلىپ، مەخپىي پارتىيە تەشكىلاتنى ئىزدىدى. ۋۇخەن شۇنچە چوڭ تۇرسا، تەشكىلاتنى قانداق تېپىش كېرەك؟ بىر كۈنى ئۇ ئىلگىرى خۇا مېڭجىنى پارتىيىگە تونۇشتۇرغان لو زېچىڭ بىلەن ئۇچرىشىپ قالدى، شۇنداق قىلىپ شىن ئەننا ئۇ ئارقىلىق 8-ئارمىيىنىڭ ۋۇخەندە تۇرۇشلۇق ئىش باشقارمىسىغا بېرىپ، جۇئېنلەي، دۇڭ بىۋۇ قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشتى. ئەتىسى جۇئېنلەي بىلەن دۇڭ بىۋۇ شىن ئەنناغا گومىنداڭنىڭ ۋۇخەن پىرقىسىدە خىزمەت قىلىۋاتقان جۇ جىياخۇانى ئىزدەپ تېپىشنى تاپىلىدى، ئۇ گومىنداڭنىڭ ۋۇخەن پىرقىسىگە كېلىپ، كونا يوسۇن بويىچە جۇ جىياخۇانى «رەئىس» دەپ ئېھتىرام بىلدۈردى. جۇڭ جىياخۇا ئۇنى خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇردى. 1938-يىلى ئاۋغۇستتا ۋۇخەن خەۋپ ئىچىدە قالدى، گومىنداڭ ئورگىنى چۇڭچىڭغا چېكىنىشكە مەجبۇر بولدى. شىن ئەننا بىلەن خۇا مېڭجى دۇڭ بىۋۇنىڭ كۆرسەتمىسىگە ئاساسەن، ۋۇخەندىن چۇڭچىڭغا كەلدى ھەم بۇ يەردە 8-ئارمىيىنىڭ ئىش بېجىرىش ئورنى بىلەن ئالاقە ئورناتتى.
شىن ئەننا يەنىلا گومىنداڭ مەركىزىي پىرقىسى كاتىبات باشقارمىسىنىڭ مەخپىي بۆلۈمىدە تېز خاتىرلىگۈچى بولۇپ داۋاملىق ئىشلىدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ گومىنداڭ مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ ھەربىي ئىشلارغا دائىر يىغىنلىرىغا قاتنىشىپ تېز خاتىرىلىگۈچى بولدى، جاڭ جيېشى رىياسەتچىلىك قىلغان يىغىنلاردىمۇ تېز خاتىرىلىگۈچى بولدى. ئۇ ئېرىشكەن مۇھىم ئاخباراتلار ئېرى ئارقىلىق جۇئېنلەي قاتارلىق جەنۇب بيۇروسىنىڭ رەھبەرلىكىگە يەتكۈزۈلۈپ تۇردى. قاتتىق ئېھتىيات قىلمىسا چاتاق چىقاتتى. 1945-يىلى ئۆكتەبىرنىڭ مەلۇم بىر كۈنى ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان شىن ئەننا بىلەن خۇا مىڭجى پارتىيىمىزنىڭ جەنۇب بيۇروسىنى تاپتى. ئۇلار ئىچكى ئۇرۇش دەۋرىدە گومىنداڭ مەركىزىي پىرقىسىتىن ھەربىي ئىستراتېگىيىگە دائىر نۇرغۇن ئاخباراتنى توپلىدى. 1949-يىلى مايدا شاڭخەي ئازاد بولدى، شۇنىڭ بىلەن شىن ئەننانىڭ مەخپىي ئاخبارات توپلاش خىزمىتىمۇ ئاخىرلاشتى، دۆلىتىمىز قۇرۇلغاندىن كېيىن شىن ئەننا بىلەن ئېرى دۆلەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكىدە خىزمەت قىلىپ دەم ئېلىشقا چىقتى.
![]() |
10. كلوۋىس مەدەنىيىتى
مىلادىدىن بۇرۇنقى 11500 يىل بۇرۇن
شىمالىي ئامېرىكىغا جايلاشقان
بىز كلوۋىس مەدەنىيىتى توغرۇلۇق ئاساسە...
|
![]() |
رەسىم: موسانىڭ ھەيكىلى. ئېيتىشلارغا قارىغاندا يەھۇدىي دىنىنى موسا ئىجاد قىلغان بولۇپ، ئۇ قەدىمكى تۆت چوڭ پەيغەمبەرنىڭ بىرى دەپ قارىلىدۇ.
يەتكۈچە رىيازەت چەككەن يەھۇدىيلار
مىلادىي...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved