تۆمۈريول خىزمەتچىسى سىياقىغا كىرىۋالغان 12 كىشى 300 مىڭ يۈەن ئالدىدى

      90-يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغان ئون نەچچە بالا تۆمۈريول تارماقلىرىنىڭ تامغىسىنى ئويدۇرۇپ، ساختا خىزمەت كىنىشكىسى ۋە مائاش خاتىرىسى ياسىتىپ، پۇل قەرز ئېلىش نامى بىلەن ئالدامچىلىق قىلغان. قىسقىغىنا يېرىم يىل ۋاقىت ئىچىدە جەمئىي سەككىز قېتىم ئالدامچىلىق قىلغان بولۇپ، دېلوغا چېتىشلىق ئومۇمىي سومما 300 مىليون يۈەنگە يەتكەن. بۇ جىنايەت گۇرۇھىدىكىلەرنىڭ جىنايەت سادىر قىلىش ۋاسىتىسى بىرقەدەر يېڭى، دېلوغا چېتىشلىق سومما زور بولغاچقا، ئۆلكىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى نازارەت قىلىدىغان دېلو قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن. يېقىندا ئەنتۇ ناھىيەسىدىكى ساقچىلار 12 نەپەر جىنايەت گۇماندارىنى قولغا ئالغان,سوراق جەريانىدا، 12 نەپەر جىنايەت گۇماندارى ئۆزلىرىنىڭ ئالدامچىلىق قىلمىشىنى ئەينەن ئىقرار قىلغان.

      يېقىندىن بۇيان قانات يايدۇرۇلغان «ئالدامچىلىققا زەربە بېرىپ خەلقنىڭ ئەمىنلىكىنى قوغداش» ھەرىكىتى جەريانىدا، ئەنتۇ ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى 20 نەچچە ياشلىق يىگىتلەرنىڭ تۆمۈريول خادىمى سىياقىغا كىرىۋېلىپ، ئۆسۈم بېرىپ قەرز ئېلىشنى باھانە قىلىپ ناھىيە ئىچىدە كۆپ قېتىم دېلو تۇرغۇزغانلىقى، دېلوغا چېتىشلىق سوممىنىڭ زور ئىكەنلىكى توغرىسىدا يىپ ئۇچىغا ئېرىشكەن. ھەمدە يىپ ئۇچىغا ئاساسەن ئەنتۇ ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى جىن دوڭخاۋ دېلو پاش قىلىشقا ئۆزى بىۋاسىتە قوماندانلىق قىلغان، دۆلەت مۇداپىئە چوڭ ئەترىتى، چارلاش ساقچى چوڭ ئەترىتى، لياڭبىڭ ساقچىخانىسى بىرلىشىپ مەخسۇس دېلو گۇرۇپپىسى تەشكىللىگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ دېلو ئۆلكىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى نازارەت قىلىدىغان دېلو قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن.

     ساقچىلار تەكشۈرۈش ئارقىلىق، بۇ جىنايەت شايكىسىدا جەمئىي 12 ئەزا بارلىقى، ئۇلارنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن 90-يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغانلىقى، ساختا خىزمەت كىنىشكىسى ۋە مائاش خاتىرىسى، بانكا كارتىسىدىكى كىرىم خاتىرىسى ياسىتىپ، قەرز بېرىپ ئۆسۈم ئېلىشنى خالايدىغان ئادەتتىكى پۇقرالارنى ئالداش نىشانى قىلغانلىقىنى ئېنىقلىغان.

     بۇلارنىڭ جىنايەت سادىر قىلىش شەكلى ئۆزگىچە بولۇپ، ئۆلكە تەۋەسىدە بۇ خىلدىكى دېلو ئاز ئۇچرايدىكەن. دېلو بىجىرگۈچى خادىمنىڭ ئېيتىشىچە، شايكىنىڭ ئاساسلىق ئەزالىرى بولغان رېن، گو، شۈ، گې فامىلىلىكلەر تۆمۈريول خىزمەتچىسى سىياقىغا كىرىۋالغان، لى فامىلىلىك بولسا مەخسۇس ساختا خىزمەت كىنىشكىسى، مائاش تالونى، بانكا ھېساباتى ياساشقا مەسئۇل بولغان ئىكەن. رېن فامىلىلىكنىڭ ئىقرار قىلىشىچە، ئۇ ئەگر دۆلەت كارخانىسىدىكى خىزمەتچىلەر پۇل سورىسا باشقىلارنىڭ ئاسان ئىشىنىدىغانلىقى، ئىككى ئۈچ ئۈلۈش ئۆسۈم ئېلىشنى خالايدىغانلىقىنى بايقىغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇ بىر قانچە كىشى بىلەن شېرىكلىشىپ تۆمۈريول خىزمەتچىسى سىياقىغا كىرىۋېلىپ ئالدامچىلىق قىلىشنى پىلانلىغان. باشقىلارنى تېخىمۇ ئېزىقتۇرۇش ئۈچۈن ئۇلار يەنە شايكىدىكى قالغان يەتتە كىشىنى تەكلىپ قىلىپ ئۆزىگە قوشۇۋالغان، بۇ يەتتە كىشى كېپىل بولغۇچى سۈپىتىدە توختامغا قول قويۇشقا مەسئۇل بولغان.

     پۇلنى ئالداپ ئالغاندىن كېيىن، ئاز بىر قىسىمىنى كېپىل بولغۇچىلارغا بېرىپ قالغان قىسىمىنى باش جىنايەتچىلەر ئالغان. 2014-يىلى 11-ئايدىن 2015-يىلى 6-ئايغىچە، بۇ ئالدامچىلىق شايكىسى مۇشۇ خىل ئۇسۇلنى قوللىنىپ كۆپ قېتىم ئەنتۇ ناھىيەسىدە باشقىلارنىڭ پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋالغان.

      نۆۋەتتە، 12 نەپەر جىنايەت گۇماندارى جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇلدى.



خەتكۈچلەر:
09-01-2016
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: نۇر تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
07-03-2016
ھەر كۈنى نۇرغۇن قىممەتلىك ۋاقتىنى سەرپ قىلىپ خىزمەت ئورنىدا ئاخبارات خەۋەرلىرى ئىزدىگۈچى كىشىلەر،دائىم مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلار مەڭگۈ دېمەيدىغان قايسى گەپلەر بار؟”دېگەندەك ماقالىلەرنى كۆرۈشكە ھېرىسمەن كېلىدۇ،مەن ئوز ئەمەلىيىتىم جەريانىد...
07-02-2016
         2016-يىلى 2-ئاينىڭ 6-كۈنى، لىياۋنىڭ ئۆلكىسى شېنياڭ شەھىرى، تۆمۈر يول غەربىي باغچىسىدا پەيدا بولغان بىر مايمۇن شاھ «ئالتۇن گۈرزە» ئوينىتىش ۋە ئېگىز بوشلۇقتا تىك موللاق ئېتىش قاتارلىق ئەپچىل ماھارەتلىرى بى...
07-02-2016
         2016-يىللىق چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكى ئەڭ ئاخىرقى ۋاقىتنى تەتۈر ھېسابلاش باسقۇچىغا كىردى، يېقىندا «مايمۇن ئاغا چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىگە چىقامدۇ ياكى چىقمامدۇ» دېگەن تېمىنىڭ ئۈزلۈكسىز مۇلاھىزە قىلىنىشىغا...
07-02-2016
             ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 3-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىندا، ئەنگىلىيەلىك بىر جۈپ ئاشىق-مەشۇق بالىلار ئۈچۈن ھەقىقىي شاھزادە بىلەن مەلىكە رولىنى ئېلىپ، تويغا كېرەكلىك ...
06-02-2016
         شۇ يەر ۋاقتى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى، سۈرىيىنىڭ ھومىس شەھىرى (Homs) دىكى نادا مېھرى ۋە ھەسەن يۈسۈف ئىسىملىك يېڭى توي قىلغان بىر جۈپلەر ئۇرۇشنىڭ ۋەيرانچىلىقىغا ئۇچراپ خاراب قىلىۋېتىلگەن قۇرۇلۇشلارنى ئارقا كۆرۈنۈش...
06-02-2016
       يېقىندا 27 ياشلىق ئىتالىيەلىك ئەر ئارتىس رافائېل سشۇماشىېر پىسا تەجرىبە تىياتىرخانىسىدا تىياتىردىكى ئېسىلىپ ئۆلۈۋېلىش كۆرۈنۈشىنى ئورۇنلاۋاتقاندا خاتالىق يۈز بېرىپ بوغۇلۇپ ھوشىدىن كەتكەن. دوختۇرخانىغا جىددىي ئېل...
06-02-2016
جى چۈنخۇا 1961-يىلى7-ئاينىڭ 20-كۈنى جېجىياڭ ئۆلىكىسىنىڭ خاڭجۇ شەھرىدە تۇغۇلغان. ئۇ جۇڭگونىڭ داڭلىق چامباشىچى كىنو ئارتىسى. 1982-يىلى ئىشلەنگەن <شىياۋلىن ئىبادەتخانىسى> فىلىمى بىلەن كۆزىگە كۆرۈنگەن. 1993-يىلى ئىشلە...
06-02-2016
          2-ئاينىڭ 5-كۈنى، سەنشى ئۆلكىسى شىئەن شەھىرى شۇيۇەنمېن، بىلىكى يوق خەتتات-جىيا ۋېيجۈن موي قەلەمنى ئۈزۈلۈپ كەتكەن بىلىكىگە باغلىۋىلىپ <مايمۇن يىلى قۇتلۇق بولسۇن!>، <يېڭى باھار كۆڭۈلدىكىدەك بولسۇن...
06-02-2016
         2-ئاينىڭ 5-كۈنى، ۋۇخەن، ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرۇلغان بىر ماشىنا يول بويىغا توختىتىلىپ رادىئودا ئادەم ئىزدەۋاتقان بولۇپ، ماشىنىغا ئىزدەۋاتقان كىشىنىڭ رەسىملىرى ۋە قىسقىچە تونۇشتۇرۇلۇشى چاپلانغانىدى. بۇ 20 ياشل...
06-02-2016
         ئاشۋارىيا راي باچچان بىلەن يولدىشى ئابىشېك باچچاننىڭ نىكاھ تۇرمۇشىدا كىرىزىس كۆرۈلگەنلىكى بوللىۋود ئۈچۈن سىر ئەمەس. بۇ ئاساسلىق ئاشۋارىيا بىلەن ئابىشىكنىڭ مۇھەببىتىنىڭ ئەسلىدىن مۇستەھكەم ئەمەسلىكى، تېخىم...
Powered by Leglek