كورىيەنىڭ چۆكۈپ كەتكەن ‹يىللار ›ناملىق پاراخوتىدا قانچە جۇڭگولۇق يولۇچى بار ئىدى ؟

خېشۈن تورى خەۋىرى ،لەگلەك تورى تەرجىمىسى .

كورىيەدىكى ھەرقايسى تارماقلار چۆكۈپ كەتكەن پاراخوتتىكى ئادەم سانىنى ھەرخىل ئېلان قىلدى .ھازىر ‹يىللار ›ناملىق بۇ يولۇچىلار پاراخوتىدا 475 كىشى بارلىقى ئېنىقلاندى .ھازىرغىچە 179 كىشى قۇتقۇزۇۋېلىنغان ، 14 كىشى قازا قىلغان ، يەنە 280 نەچچە كىشىنىڭ ئىزدېرىكى بولمىغان . پاراخوتتىكى يولۇچىلار ئىچىدە بەش چەتئەللىك يولۇچى بۇلۇپ ،ئىككىسى جۇڭگولۇق ،ئىككىسى فېلىپىنلىق ،يەنى بىرى رۇسىيىلىك ئىكەن .ھازىر ئىككى فېلىپېنلىق يولۇچى قۇتقۇزۇۋېلىندى ،جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكىنىڭ ئىسپاتلىشىچە ،ھادىسىگە ئۇچرىغان پاراخوتتىكى جۇڭگولۇق ،چاۋشىيەن مىللىتىدىن بولغان بىر ئەر بىلەن بىر ئايال تېپىلمىغان .


پاراخوتتا ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان ئىككى جۇڭگو پۇقراسى خەن فامىلىلىك بىلەن 39 ياشلىق لى فامىلىلىك ئىكەن .كورىيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ،خەن فامىلىلىكنىڭ كورىيەگە بارغىنىغا ئون نەچچە يىل بۇلۇپ قالغان بۇلۇپ ،كورىيەنىڭ مەلۇم شەھىرىدىكى ئېلېكترون شىركىتىدە ئىشلەيدىكەن ،لى فامىلىلىك ئىككىسى ئاشىق -مەشۇقلاردىن بۇلۇپ توي قىلماقچى بولغان ئىكەن .ئىككىسى بۇ قېتىم چىجۇغا ساياھەتكە بارغان .

مۇخبىر بۇ قېتىم پاراخوتتىكى ھادىسىگە ئۇچرىغان لى فامىلىلىك بىلەن خەن فامىلىلكنىڭ ئائىلە تاۋاباتىنى زىيارەت قىلدى ،ئۇلار تەقەززالىق بىلەن خەۋەر كۈتىۋېتىپتۇ .ئۇلا رئۆزلىرىنىڭ بەكلا ئەنسىرەپ كەتكەنلىكىنى ،ئىككىيلەننىڭ قول تۇتۇشۇپ پاراخوتقا چىقىپ كەتكەنلىكىنى سۈرەتكە تارتىپ ساقلاپ قويغانلىقىنى ئېيتىپ بەرگەن . نەق مەيداندا ساقلاۋاتقان بىر ئائىلە تاۋاباتىنىڭ ئاشكارلىشىچە ،يوقاپ كەتكەن يولۇچىلار ئىچىدە يەنە جۇڭگودىن كەلگەن بىر قىز ئوقۇغۇچى بار ئىكەن ،لېكىن ئاتا -ئانىسى قىزىنىڭ دۆلەت تەۋەلىكىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ،كونسۇلخانا نۆۋەتتە بۇنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ دەلىللەۋاتىدۇ .


ئېلىمىزنىڭ كورىيەدىكى باش ئەلچىخانىسى باش كونسۇلنىڭ مۇدىرى يۈز بەرگەن يولۇچىلار پاراخوتتىكى ئۇقۇغۇچىلار گىيۇمبىدىكى ئانسان تەنيۈەن ئوتتۇرا مەكتىپىدە كەلگەن ،مەكتەپ جايلاشقان جايدا جۇڭگولۇقلار كۆپرەك ئولتۇراقلاشقان بولغاچقا ،ئىز دېرىكى بولمىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارىسىدا جۇڭگولۇقلار بۇلىشى مۇمكىن دەپ كۆرسەتتى .‹يىللار ›ناملىق پاراخوتتىكى 22 ياشلىق ئايال پاراخوت خادىمىنىڭ ئىش -ھەرىكىتى كىشىلەرنى تەسىرلەندۈردى .يىللار ناملىق يولۇچىلار پاراخوتى 16-چېسلا چۆكۈشكە باشلىغاندا ،ئون نەچچە ئوقۇغۇچى يولۇچىلار پاراخوتىنىڭ ئۈچىنچى قەۋىتىدىكى چوڭ زالدا ئىشنىڭ چاتاقلىقىنى ھېس قىلغان . 22 ياشلىق پاراخوت خادىمى پىياۋ جىيىڭ دەرھال ئۆزىنى چەتكە ئالماستىن بەلكى پاراخوتتىكى يولۇچىلارغا ،رادىئودا پاناھلىق ئىزدەشنى ئېيتقان ،ئارقىدىن يەنە ئوقۇغۇچىلارنى قۇتقۇزۇش كىيىمى كىيىپ قېچىشقا تەشكىللىگەن ،قۇتقۇزۇش كىيىمى يېتەرلىك بولمىغاچقا ،پىياۋ جىيىڭ بىلەن باشقا بىر قانچە پاراخوتى خىزمەتچىسىدىن سىز نېمىشقا كەيمەيسىز دەپ سورالغاندا ،:‹بىز پاراخوت خادىملىرى ئەڭ ئاخىرىدا كىيىمى z,shlgrچىقىپ بولغاندىن كېيىن بىز چىقىمىز ›دەپ جاۋاب بەرگەن .


كورىيە زۇڭتۇڭى پاك كىنخۈي 17-چېسلا كورىيە دېڭىز بىخەتەرلىكى قوغدىنىش ئەترىتىنىڭ پاراخوتى بىلەن ھادىسە يۈز بەرگەن جايغا يېقىن بېرىپ ئەھۋالنى كۆزەتتى . ئۇ قۇتقۇزۇش دوكلاتىنى تەپسىلى ئاڭلىدى ،يەنە ئائىلە ئەزالىرى ئورۇنلاشتۇرۇلغان تەنتەربىيە سارىيىغا بېرىپ ،ئۇلاردىن ھال ئەھۋال سورىدى ،ئۇ بارلىق كۈچلەرنى سەپەرۋەر قىلىپ قۇتقۇزىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ،ھەم سۇ ئاستىدىكى قۇتقۇزۇش خىزمىتىنىڭ جەريانىنى ئىمكانقەدەر بىۋاستە ئاڭلىتىشقا ۋەدە بەردى .

 


لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK



خەتكۈچلەر:
19-04-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-05-2016
     مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 10- مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، 10- ماي ئېلان قىلىنغان بېلەت ھېسابلاش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، فىلىپپىن خەلقىنىڭ قەھرىمانى، گۇمپا شاھى ماننىي پاسكىيۇئاۋ ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزالىق...
11-05-2016
    چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەنگىلىيەدىكى بىر ئاقىللار ئامبىرىنىڭ تەتقىقات دوكلاتىدا مۇنداق دېيىلگەن: ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىپ چىقىش ئەنگىلىيە كارخانىلىرىغا 10 يىللىق قاراڭغۇلۇق ئېلىپ كېلىدۇ، بۇ خىل ئەھۋال ئەن...
11-05-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 4-ئاينىڭ 26-كۈنى، ئامېرىكا پېنسىلۋانىيە شتاتى فىلادېلفىيە شەھىرى، دېموكراتلار پارتىيەسى زۇڭتۇڭ نامزاتى ھىلارى كېلىنتون دەسلەپكى سايلام كېچىلىكى يىغىلىشى ئۆتكۈزدى. ئامېرىكا شەرقىي قىسىمدىكى بەش شتات...
11-05-2016
    سەئۇدى ئەرەبىستان نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى كۆپەيتمەكتە ھەمدە دۆلەت ئىلكىدىكى نېفىت كارخانىلىرىنىڭ پۈتكۈل دۇنياغا كېڭىيىش پىلانىغا، يەنى دۇنيا تارىخىدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ پېيىنى بازارغا سېلىشقا تەييارلىق قىلماقتا. ...
11-05-2016
     ئافغانسىتاندا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيەسى شۇ جاي ۋاقتى 10 ماي ئافغانسىتان بىخەتەرلىك قىسىمى بىلەن بىرلەشمە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋەزىپىسى ئىجرا قىلىۋاتقاندا، ئۈچ يىل ئىلگىرى تۇتقۇن قىلىنغان پاكىستاننىڭ سابىق ...
11-05-2016
  ئەنگلىيە «پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى» نىڭ 9-ماي خەۋەر قىلىشىچە، ھىندىستان ئىنتايىن قاتتىق يېڭى بىخەتەرلىك قانۇنى تۈزۈۋېتىپتۇ. بۇ قانۇنغا ئاساسەن، ھەرقانداق كىشى ناۋادا «خاتا سىزىلغان» ھىندىستان خەرىتىسىنى ئېلان قىلىپ، تالاش-تارتىشت...
11-05-2016
      فىرانسىيە «فىگارو گېزىتى» نىڭ 10-ماي خەۋەر قىلىشىچە، تۈركىيە شۇ جاي ۋاقتى 10-ماي شەرقى جەنۇبتىكى شەھەر دىيارباقىرنىڭ مەركىزىدە بىر قېتىملىق ساقچى ماشىنىسىنى پارتىلىتىپ ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئۈچ ئادەم ق...
11-05-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى، برازىلىيە سان پاۋلو، برازىلىيە پرېزىدېنتى روسېفنىڭ قوللىغۇچىلىرى 27 ئىشتاتتىكى 14 تاشيولنى قامال قىلىپ، بالون كۆيدۈرۈش ئارقىلىق روسېفنى ئەيىبلەشكە قارشى تۇردى.
10-05-2016
    5-ئاينىڭ 9-كۈنى، ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگىتوندىكى بەش بۇرجەكلىك بىنا، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى كات (سولدا) ئامېرىكىنىڭ سابىق دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كىسىنگىرگە ئوردېن تارقىتىپ بەردى. شۇ كۈنى، ئامېرىكىنىڭ سابىق دۆلەت ئىش...
10-05-2016
    فىلىپپىن سايلام كومىتېتىنىڭ 10- ماي سەھەردىكى ئەڭ يېڭى بېلەت ھېسابلاش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، دەۋاۋ شەھىرىنىڭ باشلىقى دۇزېلتى زۇڭتۇڭ سايلىمىدا 14 مىليون 500 مىڭ بېلەتكە ئېرىشكەن بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ سايلامدا غەلبە قىلىشى مۇقىم...
Powered by Leglek