ھىندىستان مەركەز ئاگېنتلىقىنىڭ 8-نويابىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ھىندىستان زۇڭلىسى مودى شۇ يەر ۋاقتى 9-نويابىر چۈشتىن كېيىن كابىنېتنى ئۆزگەرتىپ تەشكىللىگەن، گوئا ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى بالىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بولىدىكەن، يەنە ئاز دېگەندىمۇ 12 ئادەم كابىنېتقا كىرىدىكەن.
خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: بۇ 26-ماي تەشكىللەنگەن يېڭى دېھلى ھۆكۈمىتىنىڭ تۇنجى قېتىم كابىنېتنى ئۆزگەرتىپ تەشكىللىشى. ۋەزىپە ئۆتىگەندىن كېيىن پارلامېنت تۆۋەن پالاتا سايلام رايونىدىكى مۇقەددەس شەھەر ۋاراناسىدا تۇنجى قېتىم زىيارەتتە بولغان مودى 8-نويابىر چۈشتىن بۇرۇن تاراتقۇلارغا سۆز قىلغاندا كابىنېتنى ئۆزگەرتىپ تەشكىللەش ئىشىنى تىلغا ئالمىغان.
خەۋەردە مەلۇم ھۆكۈمەت ئەمەلدارىنىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ مۇنداق دېيىلدى: گوئا ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى بارىكادىن باشقا، ئاز دېگەندىمۇ 12 ئادەم كابىنېتقا كىرىدۇ. ھىندىستان خەلق پارتىيەسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا: تىزىملىكتە نوپۇزلۇق پارتىيە ئەزالىرىمۇ يېڭى كىشىلەرمۇ بار ئىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved