روسىيەلىك ئۆكتىچى رەھبەر ئۆلتۈرۈلدى.
رېيتېىر ئاگېنتلىقى 28-فېۋرال خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: ئۇكرائىنىيەدىكى ئۇرۇشقا قارشى چىققانلىقى ئۈچۈن ئۆلتۈرۈلۈش تەھدىتى ئاستىدا ئىكەنلىكىنى ئېيتقان رۇس ئۆكتىچى رەھبەر بورىس نىمتسوۋ، موسكىۋادا ئۆلتۈرۈلدى. رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىن ، بۇ جىنايەتنى ئەيىپلەپ ۋەقەنىڭ كۈشكۈرتۈش پەيدا قىلىش ئىھتىماللىقى بارلىقىنى ئېيتتى.
ئۆكتىچى رەھبەر بورىس نىمتسوۋ، يەكشەنبە كۈنى ئۇكرائىنىيەدىكى ئۇرۇشقا قارشى ئۆتكۈزۈلگەن چوڭ بىر نامايىشقا قاتنىشىپ، رۇسىيە پايتەختى موسكىۋادا ئۆلتۈرۈلدى. رۇسىيە تەكشۈرۈش كومىتىتى بولشوي موسكۋورېتسكي كۆۋرۈكىدە مېڭىۋاتقان 55 ياشلىق نىمتسوۋغا بىر ماشىنىدىن 7-8 پاي ئوق چىقىرىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكى بولسا 23:40 ئۆتكەندە 4 پاي ئوقنىڭ نىمىتسوۋغا ئارقى تەرىپىدىن تەگكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
قاتىلنىڭ كىملىكى تېخىچە ئېنىق ئەمەس، رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىز پۇتىنغا قاراشلىق روسىيە تەكشۈرۈش كومىتىتى ، ئەڭ پىشقان قاتىللارنىڭ ۋەقەگە مەسئۇل قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.
پۇتىننىڭ باياناتچىسى دىمىترى رېسكوۋ، جىنايەتنىڭ بىر پۇللۇق قاتىل تەرىپىدىن يۈز بەرگەنلىكى ھەققىدە يىپ ئۇچىغا ئىېرىشكەنلىكىنى ئېيتتى، رېسكوۋ، پۇتىننىڭ بۇ جىنايەتنى ئەيىپلىگەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، جىنايەت ۋەقەسىنىڭ كۈشكۈرتۈش بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.
ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچىسى يەلانا ئالېكسىيېۋ ، نىمتسوۋ ئېتىۋېتىلگەن جەرياندا ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە مېڭىۋاتقان ئۇكرائىنىيەلىك ئايالنىڭ سوراق قىلىنغانلىقىنى ئېيتتى.
نىمتسوۋ، ئۇكرائىنىيەدىكى تۇقۇنۇشلارغا قارىتا پوزىتسىيەسى بىلەن قارشى چىققان پۇتىننىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرىدىغانلىقى ئەندىشىسىدە ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ئىدى.
2000-2004 يىللىرى ئارىسىدا پۇتىننىڭ قول ئاستىدا باش مىنىستىرلىك ۋەزىپىسى ئۆتىگەن ئۆكتىچى رەھبەر مىخائىل كاسيانوۋ، نىمتسوۋنىڭ ھەقىقەت ئۈچۈن كۈرەش قىلغانلىقىنى ئېيتىپ، «ئۆكتىچى بىر رەھبەرنىڭ كېرمىل سارىيىنىڭ تېمىغا يېقىن بىر جايدا ئۆلتۈرۈلىشى ئويلاپ يەتكىلى بولمايدىغان بىر ئىش، پەقەت بىرلا ئېھتىماللىق بار، ئۇ ھەقىقەتنى سۆزلىگەنلىكى ئۈچۈن ئۆلتۈرۈلدى» دېدى.
ئاق سارايدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئامېرىكا پرېزىدېنتى بىراك ئوبامانىڭ نىمتسوۋنىڭ ۋەھشى بىر شەكىلدە ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئەيىپلىگەنلىكى بىلدۈرۈلدى. ئوباما موسكىۋا ھۆكۈمىتىنى،«تېز، سەزگۈر ۋە بىتەرەپلىملىك بىر تەكشۈرۈش» ئېلىپ بېرىشقا چاقىرىق قىلدى. نىمىتسوۋ، نىزھنى نوۋگراد رايۇنىدا ۋالىيلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەش بىلەن سىياسىي ساھەگە ئاتلانغان بولۇپ، 1990-يىللىرى ئاخىرىدا «بورىس يەلتسىن» پرېزىدېنت بولغان مەزگىللەردە باش مىنىستىر ياردەمچىسى بولغان ئىدى.
نىمتسوۋ، 2003-يىلى پارلامېنتتىن چىكىنىپ چىققاندىن كېيىن نۇرغۇن ئۆكتىچى تەشكىلى تەشكىللدى ۋە ئۇلارغا رەھبەرلىك قىلدى. بورىس نىمتسوۋ، 2011-2012 يىللىرى پۇتىنغا قارشى ئۆتكۈزۈلگەن چوڭ نامايىشلارنىڭ مۇھىم رەھبەرلىرىدىن بىرى ئىدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved