چىڭدۇ شەھەر مۇھىتى باشقۇرۇش پەن-تېخنىكا تەتقىقات مەركىزى سىچۈەن ئۆلكىسىدىكى تۇنجى بولۇپ تەجىربىخانا سالاھىتى ئىتراپ قىلىنغان ئەخلەت ئانالىز قىلىش ئورگىنى، چىڭدۇدا ئەڭ بۇرۇن قۇرۇلغان پۇراش خادىمى سەپلەنگەن ئورۇن، ھازىر مەزكۇر ئورۇندىكى مۇھىت ئاسراش نازارەت قىلىش باشقارمىسىدا 11 نەپەر سالاھىيەت كېنىشكىسى بار پۇراق پەرقلەندۈرۈش خادىمى بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئالدىنقى يىلى تۇنجى بولۇپ بۇ كەسىپكە قەدەم قويغان 90-يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغان يۈەن فامىلىلىك قىزچاقمۇ بار، ئۇ شۇنداقلا يەنە پۇراش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان تۇنجى 90-يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغان خادىم بولۇپ قالدى.
سېسىق پۇراق قاچىلانغان سۇلياۋ خالتىلارنى قولىغا ئېلىپ، بۇرنىغا يېقىن ئېلىپ كېلىپ ئازراق پۇراش، مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا «سېسىقچىلىقنى پۇراپ يۈرۈش» دەل يۈەن خېنىمنىڭ كۈندىلىك خىزمىتى. ئۇنىڭ بۇ خىزمىتى تاماكا چېكىش، ھاراق ئىچىش، ئاددىي يۈرۈش، ئەتىر ئىشلەتمەسلىكنى تەلەپ قىلىدۇ. يۈەن خېنىمغا ئوخشاش ھەر خىل پۇقرالارنى پەرقلەندۈرۈش خادىمىدىن يەنە 11 ى بار بولۇپ، كىشىلەر ئۇلارنى «پۇرىغۇچى» ياكى «پۇراش ئۇستىسى» دەپ ئاتايدۇ.
ئەمەلىيەتتە پۇراش ئۇستىسىنىڭ خىزمىتى مۇھىتتىكى سېسىق پۇراقنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنىڭ مۇھىم بىر ھالقىسى بولۇپ، بۇرۇن بىلەن ھەر خىل پۇقراقلارنى پۇراپ، دەرىجىگە ئايرىپ چىقىلدۇ، بېكىتىلىش نەتىجىسىنىڭ قانۇنى كۈچى بولىدۇ. ئىگىلىنىشىچە، پۇراش ئۇستىسى خىزمىتىنىڭ جۇڭگودا بارلىققا كەلگىنىگە 20 يىلدىن ئاشقان بولۇپ، كەسپى تەربىيلەش، كەسپى سالاھىيەت كېنىشكىسى ئېلىش، ئىلمى ئانالىز قىلىش تەلەپ قىلىنىدۇ.
چىڭدۇ شەھەرلىك شەھەر باشقۇرۇش كومىتىتى قارمىقىدىكى كەسپى ئورۇن، چىڭدۇ شەھەرلىك شەھەر مۇھىتى باشقۇرۇش پەن-تېخنىكا تەتقىقات مەركىزى مۇھىت سەھىيە نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى مۇنداق دېدى:«يېقىنقى ئىككى-ئۈچ يىلدىن بۇيان بىزنىڭ پۇراش ئۇستىلىرىمىزنىڭ خىزمەت بېسىمى ئۈچ ھەسسە ئېشىپ كەتتى، بۇنىڭدىنلا ھەر قايسى ئورگان ۋە جەمئىيەت ھەر قايسى ساھەدىكىلەرنىڭ مۇھىت سەھىيە ئىشلىرىغا بارغانسىرى كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى كۆرىۋېلىشقا بولىدۇ.»
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى، ھىندىستان يېڭى دېھلى. 74 ياشلىق Guinness Rishi كۆپ تۈرلۈك دۇنيا رېكورتىنى ساقلىغۇچى بولۇپ، بەدىنىگە ئەڭ كۆپ بايراقنى چەكمە قىلىپ چېكىش رېكورتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved