رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئاخبارات مەركىزى ئېلان قىلغان ئاخباراتتا مۇنداق دېيىلدى: رۇسىيە شىمالىي مۇز ئوكياننىڭ سىبىرىيە تاقىم ئارىلىدا شىمالىي فلوت ئۈچۈن مەڭگۈلۈك ھەربىي بازا قۇرۇپ، رۇسىيەنىڭ سىبىرىيە تاقىم ئارىلىدىكى دائىملىق چارلىشىنى ئىشقا ئاشۇرماقچى.
يېقىندا، رۇسىيە شىمالىي فلوتى شىمالىي قۇتۇپ رايونىنى چارلاش ئۈچۈن ھەربىي پاراخوت ئەترىتى ئەۋەتتى. بۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان رۇسىيە دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ شىمالىي قۇتۇپتىكى 3-قېتىملىق چوڭ كۆلەملىك چارلىشى.
رۇسىيە ئۆزىنىڭ شىمالىي قۇتۇپ رايونىدىكى ھەربىي كۈچىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش ئارقىلىق بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ ھوشيارلىقىنى قوزغىدى، كانادانىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى يېقىندا، كانادانىڭ شىمالىي قۇتۇپ رايونىدا ئۆزىنىڭ ھەربىي كۈچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەنپەئەتىنى قوغدىماقچى بولىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، شۇ كۈنى گىرېتسىيە پۇقرالىرى 48 سائەت ئىش تاشلاپ پېنسىيە مائاشى ئىسلاھاتىغا قارشى ئېتىراز بىلدۈردى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved