رۇسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 2- ئاينىڭ 4- كۈنى ئامېرىكا « سودا مەخپىيەتلىكى » تورىدىكى ئۇچۇرلارنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر بېرىشىچە، رۇسىيەنىڭ نېفىت سودا ساھەسىدە جۇڭگونىڭ ئەڭ چوڭ ھەمراھىغا ئايلىنىشى سەئۇدى ئەرەبسىتانغا نىسبەتەن ئېيتقان « زور ئاۋارچىلىق » بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.
ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان جۇڭگو بازىرىغا نېفىت ئېكىسپورت قىلىش جەھەتتە سەئۇدى ئەرەبىستان ئىزچىل رۇسىيەنىڭ ئالدىدا مېڭىپ كەلگەن ئىدى. مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئىككىنچى 10 يىلىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە رىياد جۇڭگو بازىرىنىڭ %20 تىنى، موسكۋا ئاران %7 تىنى ئىگىلىگەن ئىدى.
سودا مەخپىيەتلىكى تور بېكىتىنىڭ ئۇچۇرىدا كۆرسىتىلىشىچە، رۇسىيەنىڭ سەئۇدى ئەرەبسىتان بىلەن تەڭ قەدەمدە مېڭىشى سەئۇدى ئەرەبسىتان تىت-تىت قىلىۋەتكەن.
كانادا خان جەمەتى بانكىسى كاپىتال بازىرى ئېنېرگىيە مەھسۇلاتلىرى ئىستراتېگىيەچىسى مۇنداق دېگەن: رۇسىيە سەئۇدى ئەرەبستاننىڭ يەر شارىدىكى ئەڭ چوڭ ئىستىمال دۆلىتى جۇڭگودىكى ئاسالىق سودا رەقىبى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جۇڭگو بۇ ئىككى دۆلەتتىن نېفىت ئېكىسپورت قىلىش مىقدارىنى ئاشۇردى. نۆۋەتتە سەئۇدى ئەرەبسىتان بىلەن رۇسىيەنىڭ جۇڭگو نېفىت ئىمپورتىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى ئاساسەن تەڭلىشىپ قالدى، ھالبۇكى موسكۋا مەزكۇر بازارنى ئېچىش جەھەتتە رىيادتىن ئېشىپ كەتتى، 2015- يىلنىڭ ئاخىرىغا بارغاندا رۇسىيە جۇڭگونىڭ ئەڭ چوڭ نېفىت ئىمپورت دۆلىتىگە ئايلاندى.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved