يۈتۈپ كەتكەن ‹‹ئوباما››
ئەنگلىيە ‹‹ كۈندىلىك پوچتا گېزىتى ›› نىڭ 24-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا، ئامېرىكىلىق قىز تىففىنىينىڭ ئۆيىگە قويۇلغان ئوبامانىڭ ھەيكىلى ئوغۇرلانغان، كىشنى ھەيران قالدۇردىغىنى شۇكى، بىر نەچچە كۈندىن كېيىن، بۇ ھەيكەل تىففىنىينىڭ ئۆيى ئەتراپدىكى بىر باغچىنىڭ ئورۇندۇقىدىن تېپىلغان. ھەيكەلنىڭ يېنىغا يەنە بىرقانچە بوتۇلكا ئىچىملىكمۇ تىزىلىپ قويۇلغان . نەتىجىدە ، ساقچىلار بۇ ھەيكەلنى تىففىنىيگە قايتۇرۇپ بەرگەن.
خەۋەر قىلىنىشىچە، تىففىنىي ئالدىنقى يىلى بىر ئائىلە جابدۇقلىرىنى ساتىدىغان دۇكاندىن بۇ ھەيكەلنى 1200 دوللارغا ( تەخمىنەن 7385 يۈەن خەلق پۇلى ) غا سېتىۋالغان.
ھەيكەل ئوباما پۇتىنى ئالماپ ئولتۇرغان ھالەتتە، كۈلۈمسىرەپلا تۇراتتى. تىففىنىي مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنىدا، ئۆيىدىكىلىرىنىڭ بۇ ھەيكەلگە ئىنتايىن ئامراق ئىكەنلىكى، روژدېستۋو بايرىمىدا بۇ ھەيكەلنى روژدېستۋو بوۋايغا ئوخشىتىپ ياسىسا، مىننەتدارلىق بايرىمىدا كاۋا نۇسخىسىدىكى زىننەت بۇيۇملىرى بىلەن زىننەتلەيدىغانلىقىنى ئىيتقان، ھەمدە بۇ ھەيكەلنىڭ ئۆزى ئۈچۈن خاتىرە ئەھمىيەتىگە ئىگە ئىكەنلىكى، قايتا يۈتۈپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، بۇ ھەيكەلنى ئۆيگە قوزغالماس قىلىپ بېكىتىۋېتىدىغانلىقىنى بىلدۇرگەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved