جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 30-ئاۋغۇست بېيجىڭ خەۋىرى:
مىسىر قاھىرە جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى 29-ئاۋغۇست ھۆكۈم چىقىرىپ، قاتار يېرىم ئارال تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئۈچ مۇخبىرىغا ئۈچ يىللىق قاماپ جازاسى بەردى.
بۇ ئۈچ مۇخبىر ئاۋستىرالىيەلىك مۇخبىر پىدى گىرىسىت، ئىلگىرى كانادا بىلەن مىسىرنىڭ قوش گراژدانلىقىدا بولغان قاتار يېرىم ئارال تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئىنگلىز تىلى قانىلىنىڭ قاھىرەدە تۇرۇشلۇق ۋاكالەتچى ئاساسلىق ئىش باشقۇرغۇچىسى مۇھەممەت، فاخىم ۋە مىسىرلىق فىلىم ئىشلىگۇچى باخىر. مۇھەممەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، فاخىم بىلەن مۇھەممەت سوتقا چىقتى. پىدى گىرىسىت سوتقا چىقمىغان ئەھۋال ئاستىدە ھۆكۈم ئېلان قىلىندى. ئۇ ئۈچ كىشى تېررورچى گۇرۇھ بولغان مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئۇيۇشمىغا ياردەملەشتى، يالغان ئاخبارات تارقاتتى، دۆلەتنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزدى دېگەن جىنايەت بىلەن ئەيىبلەندى، ئۇندىن باشقا، مۇھەممەتكە يەنە قانۇنسىز ھالدا قورال ساقلاش جىنايىتى بىلەن ئالتە ئايلىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى قوشۇلدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved