ياۋروپادىكى مۇساپىرلارنىڭ يۈرەكنى ئېزىدىغان كۆرۈنۈشلىرى

      2015-يىلى 10-ئاينىڭ 24-كۈنى، مۇساپىرلار تۈركىيە ئارقىلىق ئېگېي دېڭىزىنى كېسىپ ئۆتۈپ، گرېتسىيەنىڭ لېسبوس ئارىلىغا يېتىپ كېلىپ، قىرغاققا چىقىش ئالدىدا تۇرماقتا.


     خەلقئارا مۇساپىرلار تەشكىلاتىنىڭ ئۆتكەن ھەپتە ئېيتىشىچە، بۇ يىل دېڭىز ۋە قۇرۇقلۇق ئارقىلىق ياۋروپاغا كىرگەن مۇساپىرلارنىڭ سانى 12-ئاينىڭ 22-كۈنى بىر مىليوندىن ئېشىپ كەتكەن. 12-ئاينىڭ 16-كۈنى، بۇ سان 990 مىڭغا يەتكەن بولۇپ، ئۆتكەن يىلقى ئوخشاش ۋاقىتتا تېخى 240 مىڭ ئىكەن. سۈرىيە توقۇنۇشى داۋاملاشقانلىقتىن، كېلەر يىلى يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن يەنە ئۈچ مىليون مۇساپىر ياۋروپاغا كىرىشى مۇمكىن ئىكەن.

     11-ئاينىڭ 2-كۈنى، مۇساپىرلار سىلوۋېنىيەنىڭ سېتىلى ئارقىلىق ئاۋسترىيەگە كىرىشنى ساقلىماقتا.

   ئۆتكەن بىر يىلدا، سۈرىيە، ئافغانىستان، ئىراق ۋە لىۋىيە قاتارلىق ئوتتۇرا شەرق، ئافرىقا دۆلەتلىرىدىن كەلگەن مۇساپىرلار ئۇرۇش قالايمىقانچىلىقىغا تولغان يۇرت-ماكانلىرىنى ئايرىلىپ، ياۋروپا قۇرۇقلۇقىغا قېچىپ كېلىپ ھاياتلىق يولى ئىزدىگەن.

ھالبۇكى، يولدىكى خەتەر، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى كۆپ دۆلەتلەرنىڭ توسۇشى بۇ ھاياتلىق يولىنى تېخىمۇ قىيىنلاشتۇرىۋەتتى.

2015-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، تۈركىيە چېگراسىدا، مۇساپىرلار چېگرادىن قانۇنسىزلىق بىلەن ئۆتۈپ تۈركىيەگە كىرىشنى ساقلىماقتا.

   ياۋروپا ئىتتىپاقى ستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، سۈرىيە، ئافغانىستان ۋە ئىراق پاناھلىق تىلىگۈچىلەر ئەڭ كۆپ دۆلەتكە ئايلانغان بولۇپ، ھەر ئۈچ مۇساپىرنىڭ ئىچىدە بىرى سۈرىيەلىك ئىكەن.

بىر مۇساپىر بالىسىنى كۆتۈرگىنىچە گرېتسىيە لېسبوس ئارىلىغا يېتىپ كەلدى.

   خەلقئارا كۆچمەنلەر تەشكىلاتىنىڭ ستاتىستىكا قىلىشىچە، ياۋروپاغا كەلگەن مىليونغا يېقىن كۆچمەنلەر ئىچىدە، كۆپىنچىسى ئوتتۇرا يەر دېڭىزى ئارقىلىق گرېتسىيە ياكى ئىتالىيەدە قۇرۇقلۇققا چىققان بولۇپ، گرېتسىيەدە قۇرۇقلۇققا چىققانلار مۇتلەق كۆپ ساننى ئىگىلىگەن. تەخمىنەن %15 مۇساپىر ئىتالىيەدە قۇرۇقلۇققا چىققان.

گرېتسىيەنىڭ لېسبوس ئارىلىدا، ئافغانىستانلىق بىر ئەر ھاياجانلىنىپ بالىسىنى سۆيمەكتە. ئۇ تېخى بايىلا قاتتىق يامغۇردا مۇساپىرلارنى توشۇيدىغان كىچىك قولۋاققا ئولتۇرۇپ قۇرۇقلۇققا چىققان.


   دېڭىزدا دائىم يۈرەكنى ئېزىدىغان ۋەقەلەر يۈز بېرىدىغان بولۇپ، 12-ئاينىڭ 18-كۈنىگىچە، 3695 ئادەم ئوتتۇرا يەر دېڭىزىدا ئۆلۈپ كەتكەن ياكى يوقاپ كەتكەن.

بىر سۈرىيەلىك مۇساپىر قۇتقۇزۇش بالونى ئارقىلىق بالىسىنى ئېلىپ قىرغاققا چىقماقتا. ئۇلار ئولتۇرغان كاۋچۇك قولۋاق گرېتسىيە لېسبوس ئارىلىغا 100 مېتىر قالغان يەردە كۆمتۈرۈلۈپ كەتكەن.

گرېتسىيە لېسبوس ئارىلىدا، بىر مۇساپىر قىرغاققا چىققانلىقىنى تەبرىكلىمەكتە.

گرېتسىيە لېسبوس ئارىلىدا، بىر ئافغانىستانلىق مۇساپىر قىرغاققا چىققاندىن كېيىن دۇئا قىلماقتا.

مۇساپىرلار تۈركىيە ئارقىلىق ئېگېي دېڭىزىنى كېسىپ ئۆتۈپ، گرېتسىيەنىڭ لېسبوس ئارىلىغا يېتىپ كەلدى.

بىر مۇساپىرلار كېمىسى  گرېتسىيەنىڭ لېسبوس ئارىلى ئەتراپىدا خەتەرگە يولۇقتى.

قۇتقۇزغۇچىلار مۇساپىرلارنى قۇتقۇزماقتا.

گرېتسىيە ۋە ماكېدونىيە چېگراسىدا، بىر ئايال ساقچى بىر ئانا-بالىغا ياردەم قىلماقتا.


   گرېتسىيەدە قۇرۇقلۇققا چىققاندىن كېيىن، مۇساپىرلار بالقان دۆلەتلىرى ئارقىلىق غەربىي ياۋروپاغا بارىدىغان بولۇپ، گرېتسىيە-ماكېدونىيە-سېربىيە-ۋېنگىرىيەنى بويلاپ، گېرمانىيە قاتارلىق باي دۆلەتلەرگە بارىدۇ.

   كۈنسېرى ئېغىرلىشىۋاتقان مۇساپىرلار دولقۇنىغا قارىتا، ياۋروپادىكى كۆپ دۆلەتلەر چېگرا نازارىتىنى كۈچەيتىپ، مۇساپىرلارنىڭ تۈركۈملەپ كىرىشىنى چەكلىگەن.

گرېتسىيە ۋە ماكېدونىيە چېگراسىدا، بىر ئەر بالىسىنى كۆتۈرگىنىچە چېگرادىن ئوغرىلىقچە ئۆتمەكتە.

ۋېنگىرىيە-سېربىيە چېگراسىدا، بىر قىزچاقنىڭ چېچى سىم توساققا ئىلىنىپ قالدى.

سېربىيە چېگراسىدا، زور تۈركۈمدىكى سۈرىيە، ئىراق مۇساپىرلار قانۇنسىز چېگرىدىن كىرىش ئېغىزىدا كرودىيەگە كىرىشنى ساقلىماقتا.

ۋېنگىرىيە ۋە سېربىيە تۇتاشقان جايدا، بىر سۈرىيەلىك مۇساپىرلار ئائىلىسى ۋېنگىرىيەگە كىرگەندىن كېيىن ساقچىلار تۇتۇۋالدى.

سىلوۋېنىيە ساقچىلىرى كرودىيە بىلەن تۇتىشىدىغان چېگرا قوغداش پونكىتىدا مۇساپىرلارنىڭ كىرىشنى توستى.

ماكېدونىيە چېگراسىدا، قىزىنى كۆتۈرۈۋالغان مۇساپىر ئەر.

كرودىيەدە پويىزغا ئېسىلىپ چىقىۋاتقان مۇساپىرلار.

سېربىيەدىكى ۋوگزالدا بىر ئافغانىستانلىق مۇساپىر كرودىيەگە بارىدىغان پويىزنى ساقلىماقتا.

گېرمانىيە پايتەختى بېرلىندا، ئىككى مۇساپىر سەھىيە ۋە ئىجتىمائىي ئىشلار بۆلۈمىنىڭ سىرتىدىكى ئۇزۇن ئورۇندۇقتا ئۇخلىماقتا.

گرېتسىيەدىكى بىر كەنتتە ئارام ئېلىۋاتقان مۇساپىر.

كانادا تورونتو، ئەمدىلا كاناداغا كەلگەن سۈرىيەلىك مۇساپىر نەۋرىسى بىلەن جەم بولدى.

    گرېتسىيەدىن ماكېدونىيەگە كىرىدىغان مۇساپىرلار رەسمىيەت بېجىرمەكتە.

   قىش كىرىپ قالغان بولسىمۇ، مۇساپىرلار دولقۇنى يەنىلا داۋاملاشماقتا. ئۆتكەن نەچچە ئايدىن بىرى، ياۋروپا بىر قاتار تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى قوللانغان بولسىمۇ، ئەمەلىيلەشتۈرۈش يېتەرلىك بولمىغان. 12-ئاينىڭ ئوتتۇرىسىدا ئېچىلغان ياۋروپا ئىتتىپاقى كاتتىباشلار يىغىنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تېخىمۇ چوڭ كۈچ چىقىرىشنى تەلەپ قىلغان.



خەتكۈچلەر:
25-12-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
30-05-2016
     شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 28-كۈنى، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كىشىلەر كوچىلارغا چىقىپ، <ئاتلانتىك ئوكيان ھالقىغان سودا ۋە مەبلەغ سېلىش شېرىكلىك مۇناسىۋەت كېلىشىمى> (TTIP) شۇنداقلا ھۆكۈمەتنىڭ مالىي...
28-05-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
28-05-2016
    رۇسىيە NTV تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگلىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە، كانادا، ئامېرىكا، فرانسىيە ۋە ياپونىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەتتە دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ باشلىقلىرى پەقەت رۇسىيە مىنسكى كېلىشىمىنى تولۇق ئىجرا قى...
28-05-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
28-05-2016
      شۇ يەر ۋاقتى 27-ماي، ئامېرىكا كالفورنىيە شىتاتى سانتىياگو، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى ترامپ سانتىياگودا سايلام يىغىلىشى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، شۇ جايدىكى خەلق ئاممىسى قولىدا تاختىلارنى كۆت...
28-05-2016
شىنخۇا تورى 28- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     چاۋشيەن مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسىنىڭ ئەڭ ئالىي قوماندانى مۇنداق دېگەن: شۇ كۈنى كورىيە ئارمىيەسى چاۋشيەننى...
28-05-2016
يەر شارى تورى 28- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ۋېيتنام تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋېيتنام ھۆكۈمىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى 22 دۆلەت ۋە رايوندا تۇرۇشلۇق 80 دىن ئارتۇق ۋېيتناملىقىنى نەنشا تاقىم ئارى...
28-05-2016
ۋاڭيى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنىتلىقىنىڭ 27-ماي ئېيتىشىچە، جەنۇبىي ئوسېتىيەنىڭ رەھبىرى تىبىلوۋ ۋە پارلامېنىت رەئىسى بىبىلوۋ 26-ماي جەنۇبىي ئوسېتىيە 2017-يىلى رۇسىيەگە قوشۇلۇشقا ئوم...
27-05-2016
     5-ئاينىڭ 26-كۈنى، گىرېتسىيە بىلەن ماكېدونىيەنىڭ چېگرىسىدىكى كىچىك كەنت ئىدومېنى. مۇساپىرلار بۇ يەردىن ئايرىلىش ئۈچۈن ئاپتوبۇسنىڭ كېلىشىنى كۈتمەكتە. 24-مايدىن باشلاپ، گىرېتسىيە ساقچى تەرەپ، رەسمىي ھالدا گىرېتسىيە-...
Powered by Leglek