خەۋەرلىرى: ئالما شىركىتى ئەپ بازىرىغا يېڭى بىر بۆلەك قاتتى
ئالما شىركىتى بۈگۈن ئەپ بازىرىنىڭ باش بىتىگە " ھۆججەت ھەمبەھەرلەش" ناملىق يېڭى بىر بۆلەكنى قاتتى.ببۇ يېڭى بۆلەكتىكى ئىشلىتىلىشچان ئەپلەر ئاساسلىقى ناھايىتى مودا بولۇۋاتقان Snapchat قاتارلىق رەسىم ھەمبەھەرلەش ئىشلىتىلىشچان ئەپلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
تىلغا ئىلىپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدىغىنى شۇكى،بۇ خىلدىكى رەسىم ھەمبەھەرلەشنى ئومۇملاشتۇرۇش ئىشلىتىلىشچان ئەپلىرى شۇ خىلدىكى بارلىق ئەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىغان بولۇپ،نۆۋەتتە پەقەت 12 خىل مۈنەۋەر ئىشلىتىلىشچان ئەپ بار بولۇپ،ھازىر ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن Snapchat،كۆپ ئادەم بىلمەيدىغان Facetune،شۇنداقلا ئاجىز يۇرۇقلۇق ئاستىدا ئاپتۇماتىك رەسىمگە تارتالايدىغان Front Flash قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.بىراق،بۇ خىل يېڭى بۆلەك نۆۋەتتە ئامرىكا رايۇنىدىكىiOS ۋە iTunes ئۈستەل يۈزى قوللىنىشچان ئەپ بازىرىغا يېڭى چىققان بولۇپ،جوڭگو رايۇنىدا تېخى بازارغا چىقمىغان.
ئەمىلىيەتتە،كۆپلىگەن ئابۇنىتلار ئۆزى تارتقان رەسىملەرنى ھەمبەھەرلەشنى ياخشى كۆرىدۇ،ئۇنىڭ ئۈستىگە يىقىنقى ئوسكار " ئۆزىنى تارتىش ئىشىكى" پىروگىراممىسى بۇ خىل ئىقىمنى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈردى.ئالما شىركىتىنىڭ بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ،ئىشلىتىلىشچان ئەپلەرنىڭ يېڭىلىنىشى ۋە تەۋسىيە قىلىنىشىنى كۈچەيتىشى ئەجەپلىنەرلىك ئەمەس.ئەگەر سىز ئۆزىڭىزنى تارتقان رەسىملەرنى ھەمبەھەرلەشنى ياخشى كۆرسىڭىز،ئۇنداقتا ئەپ بازىرىغا بىرىو مۇناسىۋەتلىك ئەپلەرنى ئىزدەپ باقسىڭىز ئۇرۇنسىز بولماس.
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قوشىۋېلىڭ ـــــــــــــــــــ ئىزدەش نامى LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved