تۆت دىيۇملۇق ئېكران سەپلىنىدىغان يېڭى ئايفون كېلەر ھەپتە ئاشكارىلىنىدىكەن

        يىقىندىن بۇيان ئالما شىركىتىنىڭ كىچىك ئېكرانلىق ئايفوننى قايتا ئوتتۇرىغا چىقارماقچى بولغانلىقىغا ئائىت خەۋەرلەر كۆپ تارقىلىۋاتىدۇ، چەتئەلدىكى مەخسۇس ئۇچۇر ئاشكارىلاش بىلەن تونۇلغان Micgadget تور بېكىتى بۈگۈن ئۇچۇر بېرىپ، ئۇلارنىڭ فۇشىكاڭ زاۋۇتىدىكى «يىپ ئۇچى تەمىنلىگۈچى» لىرىنىڭ كېلەر ھەپتە تۆت دىيۇملۇق يېڭى ئايفوننىڭ ھەقىقىي سۈرىتىنى تەمىنلەيدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى جاكارلىغان، ئەگەر بۇ ئۇچۇر راست بولسا، ئۇنداقتا بۇ تۆت دىيۇملۇق يېڭى ئايفوننىڭ تۇنجى قېتىم ئاشكارىلىنىشى بولۇپ قالىدىكەن. بۇ خىل يېڭى ئايفوننىڭ ئىسمى بەلكىم iPhone 7c بولۇشى مۇمكىن، ئىلگىرى بۇ ھەقتە تارقالغان خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئۇنىڭ سەپلىمىسى ئانچە يۇقىرى بولۇپ كەتمەيدىكەن.


        ياپونىيە تاراتقۇسى Macotakara مۇ يىقىندا تۆت دىيۇملۇق ئېكران سەپلىنىدىغان يېڭى ئايفونغا ئائىت خەۋەر ئېلان قىلغان. خەۋەردە بۇ ئايفوننىڭ A8 تىپلىق بىر تەرەپ قىلغۇچ، 2GBلىق ئىچكى ساقلىغۇچ، f/2.2 ئوپتىك چەمبىرىكى ئىشلىتىلگەن FaceTime HD كامېراسى، كۆك چىش 4.1، سىمسىز تور ۋە 802.11ac تور ئۇلىنىش قاتارلىق سەپلىمىلەرگە ئىگە بولىدىغانلىقى، ئومومىي جەھەتتىن iPhone 5s دىن ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقى، لايىھە ئۇسلۇبىنىڭ iPhone 5s بىلەن ئوخشىشىپ قالىدىغانلىقى قاتارلىقلارنى ئوتتۇرىغا قويغان.

يەنە بىر تۈرلۈك ئۇچۇردا دېيىلىشىچە، تۆت دىيۇملۇق يېڭى ئايفون يەنى ئاتالمىش iPhone 7c كېلەر يىلى باھاردا رەسمىي ئېلان قىلىنىدىغان بولۇپ، باھاسى 3500 يۈەن ئەتراپىدا بولىدىكەن. ئەمما چوڭ ئېكرانلىق ئايفون ئىشلىتىپ كۆنۈپ قالغانلار قايتىدىن كىچىك ئېكرانلىق ئايفوننى تاللامدۇ-يوق بۇنىڭغا بىر نېمە دېمەك تەس.



خەتكۈچلەر:
28-11-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
26-05-2016
شىنخۇا تورى 26- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ياپونىيە ئىقتىساد گېزىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى ئاسىيادىكى 10 چوڭ دۆلەتتىكى 20-29 ياش ئارىلىقىدىكى ياشلارنىڭ ئىستىمال يۈز...
26-05-2016
    بۈگۈن كەچقۇرۇن، شىياۋمى توردا بىۋاستە تارقىتىش ئۇسۇلىدا ئۆز بايرىقى ئاستىدىكى تۇنجى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان مەھسۇلاتىنى ئېلان قىلغان. لېي جۈن بۇ مەھسۇلاتنى ئېلان قىلغاندا مۇنداق دېگەن: «ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان خۇددى بايلارغا خا...
26-05-2016
     يېڭىچە كېۋەز تېرىش ماشىنىسى ئامېرىكىدا ئاللىقاچان ئومۇمىيۈزلۈك ئىشلىتىلىشكە باشلىدى، بۇ تىپتىكى يېڭىچە كېۋەز تېرىش ماشىنىسىنىڭ بىرى 1000 ئادەمنىڭ بىر كۈنلۈك ئىشىنىڭ ئورنىنى ئالالايدۇ. بىراق ھازىر دۆلىتىمىزدىكى كۆ...
26-05-2016
بېتا تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     گۇگۇل شىركىتىنىڭ ئانا شىركىتى بولغان ئالفابىت شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى ئېرىك سىمىت ئامىستىردامدا CNBC مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا دېيىشىچە، ئۇ بىرلا ۋاقىتتا يېنىغا بىر ...
26-05-2016
يەر شارى تورى 26- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     كورىيە «شەرقىي ئاسىيا گېزىتى»نىڭ 5- ئاينىڭ 25- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، كورىيە ھاۋا ئارمىيە ئورگان تور بېكىتى خاككېلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، 13 ك...
25-05-2016
   سۇمرۇغ تورى پەن-تېخنىكىسىنىڭ 25-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     يانفون تور بېتى PhoneArena نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، نوكىيانىڭ كۆپ يىللار ئىلگىرى Android سىستېمىسىنى تاللىمىغانلىقى نۇرغۇن نوكىيا مەستانى...
25-05-2016
    شياۋمى شىركىتى يېقىندا 1 يۈەنلىك 750 مېگابايتلىق تور ئېقىم يۈرۈشلۈك مۇلازىمەت كەسىپنى يولغا قويماقچى بولغان بولۇپ، بۇ كەسىپنى ۋاقتىنچە بىر قىسىم بىرلەشمە خەۋەرلىشىش ئابۇنىتلىرى ئىچكى سىناققا قاتنىشالايدىكەن. مەسئۇل تەرەپن...
25-05-2016
    5-ئاينىڭ 24-كۈنى چۇڭچىڭ كەچلىك گېزىتى مۇخبىرىنىڭ ئالىغاي ۋە ئۈندىداردىن ئىگىلىشىچە، 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ئىجرا بولىدىغان توردا چىقىم قىلىش ھەقىقىي ئىسىم دەلىللەش يېڭى قائىدىسىگە ماسلىشىش ئۈچۈن، ئالىپاي ۋە ئۈندىدار ئىشل...
25-05-2016
    تاراتقۇلارنىڭ 25-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، خۇاۋېي پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى ئامېرىكا بىلەن جۇڭگو بىرلىشىپ كورېيە سامسۇڭ ئېلېكتىرون شىركىتى ئۈستىدىن ئەرز سۇنغان. خۇاۋېينىڭ بىلدۈرۈشىچە، سامسۇڭ شىركىتى خۇاۋېي شىركىتىنىڭ رۇخسىتىسىز خ...
25-05-2016
    گەرچە ئالما شىركىتى ئىزچىل ناھايىتى قاتتىق بولغان مەخپىيەتلىكنى ساقلاش تەدبىرىنى قوللىنىپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق زاپچاس زاۋۇتلىرى ھەمىشە iPhone نىڭ يېڭى تىپلىرىنىڭ نۇرغۇن ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاپ كېلىۋاتىدۇ. بىر قانچە كۈن ئىلگىرى...
Powered by Leglek