جاھان ئاگېنتلىقى 20-مارت خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: تۈركىيەدىن سۇرىيەگە قانۇنسىز يوللار بىلەن ئۆتمەكچى بولغان 4 نەپەر روسىيەلىك قولغا ئېلىندى ۋە چېگرىدىن چىقىرىلدى.
تۈركىيەدىن سۇرىيەگە قانۇنسىز يوللار بىلەن كىرمەكچى بولغان 4 نەپەر رۇس پۇقراسى، كىلىس ئەلبەيلى رايۇنلۇق ژاندارما ئەتىرىتى خادىملىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىندى. بۇ كىشىلەر دىيار بەكىر ساقچىخانىسىنىڭ يۇرتىغا قايتۇرۇش ئىشخانىسىغا تاپشۇرۇپ بېرىلدى. روسىيە فېدىراتسىيەسى تەۋەلىكىدىكى (R.R.), (A.A.), (Z. P.) ve (L. K.) ئىسىملىك شەخىسلەر چەتئەللىكلەر شۆبە مۇدىرىيتى خادىملىرى تەرىپىدىن پەيشەنبە كۈنى ئىستانبۇل سەبىھە گۆكچەن چېگرا ئېغىزىدىن چىقىرۋېتىلىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved