خەۋەرلەردە ئېيتىلىشىچە، ئالماiPhone 6 يانفونىنىڭ تارقىتىلىدىغان ۋاقتى سېنتەبىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى بولۇپ، ئىلگىرىكى ئادەتلەرگە ئاساسلانغاندا، يېڭى يانفون چىقىشى بىلەن تەڭ، ئارقىدىنلا يېڭى iOS سىسىتېمىسىنىڭ رەسمىي نۇسخىسىمۇ تارقىتىلىدىكەن.
رەسمىي نۇسخىسى چىقىرىلىشتىن بۇرۇن ھەر ئۈچ ھەپتىدە بىر نۇسخىدىكى سىناق نۇسخىسى چىقىرىلىپ تۇرىدىكەن. چەت ئەل پەن-تېخنىكا ئاخبارات ۋاستىلىرىBGR نىڭ خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، ئۇلارنىڭ ئالما شىركىتىدىكى ئىچكى خادىملاردىن ئىگىلىشىچە، ئالما شىركىتى ئاۋغۇستتا كەلگۈسىدىكى ئىككى سىناق نۇسخىنى تارقىتىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە iOS 8 Beta 5 سىناق نۇسخىسى 4-ئاۋغۇست، iOS 8 Beta 6 سىناق نۇسخىسى 15-ئاۋغۇست رەسمىي تارقىتىلىدىكەن.
iOS 7 نىڭ بۇلتۇرقى سىناق جەريانىغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىلدىكى iOS 7 نۇسخىدىكى سىناق بىلەن تەقدىرلەنگەندىن كېيىن، GM نۇسخىسىدا بولىدىكەن. شۇ ئارقىلىق رەسمىي نۇسخىسى تارقىتىلىدىكەنBGR .نىڭ مۆلچەرلىگەن ۋاقتىغا قارىغاندا، 4-ئاۋغۇست iOS8 Beta5، 15-ئاۋغۇست iOS 8 Beta 6 تارقىتىلىدىغان بولۇپ، مۇشۇ بويىچە ئېلىپ ئېيىتقاندا، iOS 8 Beta 7 نى سېنتەبرنىڭ بېشىدا كۆرەلىشىمىز مومكىن ئىكەن. ۋاقىت ھېسابلاشقا قارىغاندا، iOS 8نىڭ رەسمىي نۇسخىسى iPhone 6 يانفونى بىلەن ئوخشاش ۋاقىتتا چىقىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى ئىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved