ئاپتونوم رايونىمىزدا ئەمالارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرى كېڭەيدى
21-03-2015
0
197
يازغۇچى: لەگلەكچى
thumb

 ئاپتونوم رايونلۇق مېيىپلەر بىرلەشمىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق مېيىپلەر بىرلەشمىسى 1990 - يىلىدىن باشلاپ ئەمالارنىڭ ئۇۋۇلاش كەسپىدە تەربىيەلىنىشىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ئاسانلىق يارىتىپ بەرگەن.
  مەملىكەت بويىچە مېيىپلەرنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش نەتىجىسىگە قارىغاندا، ئاپتونوم رايونىمىزدا 1 مىليون 69 مىڭ مېيىپ بار بولۇپ، ئومۇمىي ئاھالىنىڭ %5.31ىنى ئىگىلەيدىكەن، ئارىسىدا كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلار 531 مىڭ كىشى بولۇپ، مېيىپلەر ئومۇمىي سانىنىڭ %12.63ىنى ئىگىلەيدىكەن. ئاپتونوم رايونلۇق مېيىپلەر بىرلەشمىسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى جو جۈنلىننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا 3000دەك ئەما (كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ئۇۋۇلاپ ساقلىقنى ساقلاش كەسپىدە تەربىيەلىنىپ كەسپىي سالاھىيەتكە ئېرىشكەن بولۇپ، كۆپ قىسمى ھەر دەرىجىلىك مېيىپلەر بىرلەشمىلىرىنىڭ ياردىمى ۋە ئۆز تىرىشچانلىقى بىلەن ئۇۋۇلاپ ساقلىقنى ساقلاش ئورنى ئاچقان ياكى شۇ ئورۇنلاردا ئىشلىگەن. ئاپتونوم رايونىمىزدا ئۇۋۇلاپ داۋالاش كەسپىي تېخنىكا ئۇنۋانىغا ئېرىشىپ، ئۇۋۇلاپ داۋالاش بىلەن شۇغۇللىنىش سالاھىيىتىنى ھازىرلىغان بولسىمۇ، ئالاقىدار سىياسەتلەر يولغا قويۇلمىغانلىقى ئۈچۈن يەنىلا ئۇۋۇلاش، ساقلىقنى ساقلاش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئەمالاردىن 227سى بار ئىكەن.
  ئەمالارنىڭ كەسپىي تەرەققىيات يولىنى كېڭەيتىش ھەم ئەمالار ئۇۋۇلاش كەسپىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش ۋە ئۆلچەملەشتۈرۈش ئۈچۈن، 2013 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق سودا سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى، ئاپتونوم رايونلۇق مېيىپلەر بىرلەشمىسى بىرلىكتە «ئاپتونوم رايوننىڭ ئەمالار ئۇۋۇلاپ ساقلىقنى ساقلاش كەسپىگە مەدەت بېرىش ۋاقىتلىق چارىسى»نى تۈزۈپ ئېلان قىلدى. بۇ يىل 2 - ئايدا ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە - پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جۇڭگو تېبابىتى، ئۇيغۇر تېبابىتى دورىلىرى ئىدارىسى، ئاپتونوم رايونلۇق مېيىپلەر بىرلەشمىسى بىرلىكتە «ئاپتونوم رايوننىڭ <ئەمالار ئۇۋۇلاپ داۋالاشنى باشقۇرۇش چارىسى>نى يولغا قويۇش قائىدىسى»نى تۈزۈپ ئېلان قىلدى.
  ئاپتونوم رايونلۇق ئەمالار ئۇۋۇلاش كەسپى يېتەكچىلىك مەركىزىنىڭ خادىمى زۆھرە مەمەت مۇنداق دېدى: «چارە»دە ئۇۋۇلاپ ساقلىقنى ساقلاش ئورنى، ئەمالار ئۇۋۇلاپ داۋالاش ئورنى ئاچقان ئەمالارغا بىر قېتىمدا 20 مىڭ يۈەن، كارخانا قانۇنىي ئىگىسى سالاھىيىتىنى ھازىرلىغان ئەمالار ئۇۋۇلاپ ساقلىقنى ساقلاش ئورنى، ئەمالار ئۇۋۇلاپ داۋالاش ئورنىدا ئىشلەۋاتقان ھەر بىر ئەماغا 5000 يۈەن ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ؛ ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى ئالاقىدار شەرتلەرنى ھازىرلىغان ئەمالار ئۇۋۇلاپ داۋالاش ئورۇنلىرىنى شەھەر، بازار ئاساسىي داۋالاش كاپالىتى بويىچە بېكىتىلگەن ئورۇنلار قاتارىغا كىرگۈزىدۇ، دەپ بەلگىلەندى. دېمەك، ئەمالار ئۇۋۇلاپ داۋالاش ئورۇنلىرىدا داۋالىنىش سۇغۇرتىسى كارتىسى ئىشلەتكىلى بولىدىغان بولدى.


 


خەتكۈچلەر:
21-03-2015
0
197
يازغۇچى: لەگلەكچى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
26-05-2015
2
507
thumb
ئېلىمىزدىكى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۇزۇندىن يىللاردىن بۇيان ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەر مەدەنىيىتىنى ياراتتى، بولۇپمۇ ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، مۇسۇلمانچ...
26-05-2015
0
112
thumb
 ئاپتونوم رايونلۇق يېمەكلىك - دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى يېقىندا 2014 - يىلى تەكشۈرۈپ چارە كۆرگەن يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە ئائىت قانۇنغا خىلاپ 11 تىپىك دېلونى ئاشكارىلىدى. بۇ دېلولارنىڭ دېلو ئەھۋالى مۇرەككەپ، چېتىشلىق پۇل سوممىسى بى...
25-05-2015
0
129
thumb
چەتئەل تاراتقۇلىرى مۇنداق دېدى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئاشلىق يېزا ئىگىلىكى تەشكىلاتى ۋە دۇنيا سۇ كېڭىشى مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: ئىنسانلار سۇ بايلىقىنى ھەددىدىن ئارتۇق ئىشلەتكەنلىكتىن، سۇ كەمچىل بولۇش مەسىلىسى دۇنيادىكى 40 پىرسەنت نوپۇس...
25-05-2015
0
109
thumb
ياپونىيە ئاخبارات تورىنىڭ 20-مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا ياپونىيەنىڭ فۇكوكا شەھىرىدىكى دېھقان ئۆستۈرگەن بىر بۆلجۈرگەننىڭ ئېغىرلىقى 250 گىرامغا يېتىپ، دۇنيا جېننىس رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىغان. بۇ گېگانت بۆلجۈرگەننىڭ ئېگىزلىكى 8 سانتىمې...
23-05-2015
0
267
thumb
ئۈزۈمنىڭ ئۈچەينى سىلىقلاش خۇسۇسىيىتى بولۇپ، ئۈزۈم يەپ بولۇپلا سۇ ئىچكەندە ئاشقازان تېخى ھەزىم قىلىشقا ئۈلگۈرەلمىگەن ئەھۋالدا سۇ ئاشقازان كىسلاتاسىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ قويىدۇ–دە ئۈزۈم بىلەن سۇ ئاشقازان كىسلاتاسىدا تېزدىن ئوكسىدلىنىپ ۋە ئېچ...
22-05-2015
0
110
thumb
تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى دۆلەت تەرەققىيات - ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ تەستىقىنى ئېلىپ، سەككىز ئۆلكە، شەھەرنى تاللاپ، دۆلەتنىڭ سۇ بىلەن تەمىنلەشتە جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش - ياردەم بېرىش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشى تۈرىنى يولغا ق...
21-05-2015
0
217
thumb
مىقدارىنى كونترول قىلىپ، زىيادە يېيىشتىن ساقلىنىش. ئۇششاق–چۈششەك يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېيىشكە بولمايدۇ. كۆپ يېگەندە، ‹‹تويۇنۇپ›› قېلىپ، كەينىدىن باشقا يېمەكلىك يېگىلى بولمايدۇ. بۇ ئۆسۈپ يېتىلىشكە بىۋاستە يارد...
20-05-2015
0
93
thumb
(ماتېرىيال سۈرەت) شىنجاڭ شەھەر گېزىتى خەۋىرى: ئۈرۈمچى سۇچىلىق گۇرۇھىنىڭ 19-مايدىكى ئۇچۇرىدا كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتە ئالتاي يولىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان كۆتۈرمە كۆۋرۈك قۇرۇلۇشى سەۋەبلىك ئالتاي يولىدىكى (تېببىي ئۇنىۋېرسىتېت يولىدىن ۋېنجۇ كوچىسىغى...
20-05-2015
0
433
thumb
بۇلتۇر ئەتىيازدىن باشلاپ ئاپتونوم رايونىمىزدا كالا، قوي گۆشىنىڭ باھاسى بىر ئاز مۇقىم بولغانىدى، ئەمما بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان كالا، قوي گۆشى ۋە سۈتنىڭ باھاسىدا كۆرۈنەرلىك داۋالغۇش بولدى، باھا خېلىلا تۆۋەنلىدى. مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ ئىستات...
Powered by Leglek