جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 28-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى:
ئامېرىكىنىڭ مارىيلاند شتاتى بالتىمور شەھىرىدە 27-ئاپرېل مالىمانچىلىق يۈز بەردى، نامايىشچىلار ئاپتوموبىللارنى بۇزدى، ساقچىلارغا ھۇجۇم قىلدى ۋە نۇرغۇن جايلارغا ئوت قويۇپ ئافرىقىلىق پۇشتىدىن بولغان ياشنىڭ ساقچى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ نورمالسىز ئۆلۈپ قالغانلىق ۋەقەسىگە ئېتىراز بىلدۈردى. مارىيلاند شتاتىنىڭ باشلىقى لارى خورگېن شۇ كۈنى كەچتە جىددىي ھالەتكە كىرگەنلىكىنى جاكارلىدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا خەلق ساقچىلىرى ئەترىتىدىن ھەرۋاقىت تەييارلىق قىلىپ، قالايمىقانچىلىقنىڭ يەنىمۇ ئەۋج ئېلىشىدىن ساقلىنىشنى تەلەپ قىلدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved