تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى: 16-مارت كەچتە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى ئۇيۇشتۇرغان ئاپتونوم رايوننىڭ 2-نۆۋەتلىك ئاساسىي قاتلام تەشۋىقاتچىلىرى مۇسابىقىسىنىڭ مۇكاپاتلاش مۇراسىمى شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ سۈرەتكە ئېلىش زالىدا ئۆتكۈزۈلدى. ئۇيغۇر تىلى گۇرۇپپىسىدىن نيۇ شىن 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن بولۇپ، بىر كەنت كادىرى بىلەن كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھېكايىسىنى بايان قىلدى.
2012-يىلى، ئاسپىرانتلىقنى تامالىغان نيۇ شىن تاللاپ ئىشقا قويۇلۇپ، قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسى قۇمۇشئېرىق يېزىسى ياخشىراق كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىلىقىغا تەيىنلەنگەن. پۈتۈن كەنتتە 2100 دىن ئارتۇق كىشى بولۇپ، پەقەت ئۇلا خەنزۇ ئىدى، ئەمما ئۇ ئامما بىلەن ناھايىتى تېزلا چىقىشىپ كېتىدۇ. نيۇ شىن ناھايىتى راۋان ئۇيغۇر تىلىنى خىزمەت، تۇرمۇشتا كەنت ئاھالىلىرى بىلەن بولغان ئالاقىدىكى ئەڭ ياخشى قورال قىلىدۇ. جۇغلانغان خىزمەت ئەمەلىيىتىدە، كەنتتىكىلەرمۇ ئۇنىڭغا رەسمىي ئىشىنىدۇ. 2016-يىلى 1-ئايدا، نيۇ شىن كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىلىقىغا تەيىنلىنىدۇ.
بۇ قېتىمقى مۇسابىقە تۆت كۈن ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست 100 دىن ئارتۇق ئاساسىي قاتلام تەشۋىقاتچىلىرى مۇسابىقىگە قاتناشقان، مۇسابىقە خەنزۇ تىلى گۇرۇپپىسى، ئۇيغۇر تىلى گۇرۇپپىسى، قازا تىلى گۇرۇپپىسىغا بۆلۈنگەن. ئاساسىي قاتلام تەشۋىقاتچىلىرىنىڭ ھەممىسى پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەرقايسى ۋىلايەت، ناھىيە، شەھەردىن تۆۋەن، يېزا، كەنت ئىككى دەرىجىلىك تەشۋىقات كادىرلىرى، شۇنداقلا ‹‹ئۈچ ئەل›› خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ خادىملىرى، يەنە دېھقانلار، ئوقۇتقۇچىلار، دەم ئېلىشقا چىققان كادىرلار قاتارلىقلار بار. مۇسابىقىدە 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتتىن توققۇزى، 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتتىن 16 سى، 3-دەرىجىلىك مۇكاپاتتىن 24 ى، مۇنەۋۋەر گۇرۇپپىدىن بەشى بارلىققا كەلگەن. بۇنىڭ ئىچىدە خەنزۇ تىلى گۇرۇپپىسىدىن ئىككىيلەن 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، قازاق تىلى گۇرۇپپىسىدىن ئىككىيلەن 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، ئۇيغۇر تىلى گۇرۇپپىسىدىن بەشەيلەن 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.
![]() |
بۈگۈن بېيجىڭ شەھىرى شىياۋيىڭ شىمالىي يولىدا كېتىۋاتقان 569-يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسىدا پارتلاش يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەندە ئاپتوبۇستا پەقەت شوپۇر ئۆزى يالغۇز ئىدى، ۋەقەدە شوپۇر يارىلانمىغان.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved