«بىر يىلدىكى 8760 سائىتىڭىز»نى قانداق ئىشلىتىسىز؟
«سىزدە بار بولغىنى 365 كۈن ئەمەس، بەلكى 8760 سائەت. ھەربىر سائەت ۋاقىتتا سىز تىرىشىپ تېخىمۇ ياخشى ئۆزىڭىزگە ئايلىنالايسىز. سىزگە ئېلىپ كېلىدىغىنىمنىڭ تەسىرلىنىشلا ئەمەس، بەلكى ھەرىكەت بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئىلغارلىقنى چېنىقتۇرغىلى بولىدۇ، ھەرقانداق جاي سىزنىڭ تىرىشىش نۇقتىڭىز بولالايدۇ». يۇقىرىقىلار نۇرئەلى مۇئەللىمنىڭ يېڭى كىتابىدىكى سۆزلەر.
دەرىجىدىن تاشقىرى ناتىق، يېڭى شەرق مەكتىپىنىڭ ئېنگىلىز تىلى ئوقۇتقۇچىسى نۇرئەلى ئابلىزنىڭ ئاپتوبىئوگرافىيەلىك يېڭى كىتابى «بىر يىلدىكى 8760 سائىتىڭىز» يېقىندا بازارغا سېلىندى. بۇ كىتابتا نۇرئەلىنىڭ ياشلىق، كۈرەش، ئارزۇ، مۇھەببەت... قاتارلىق ھېس تۇيغۇلىرى سۆزلىنىدۇ. كىتابتا قائىدە سۆزلىنىپلا قالماي يەنە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ ئۇسۇلى سۆزلىنىدۇ، بىر خىل ئىدىيە، بەش خىل ئۇسۇل 50 مىليون كىشىنى ئۆزگەرتىدۇ. بۇ كىتاب ياشلارنى ئىلھاملاندۇرۇش كىتابلىرىنىڭ مىتودولوگىيە دەۋرىنى ئاچتى.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ كىتابقا يېڭى شەرق مائارىپ گوروھىنىڭ قۇرغۇچىسى، باش لېدىرى يۈ مىنخوڭ كىرىش سۆز يېزىپ بەرگەن، سەي كاڭيوڭ، چېن لۇيۈ، خۇاڭ لېي، دا بىڭ قاتارلىقلار ئالاھىدە تەۋسىيە قىلغان، بۇ كىتابقا يەنە نۇرئەلىنىڭ «34 تال ئالتۇن __ ۋاقىت باشقۇرۇش قوللانمىسى» ناملىق كىتابىمۇ قوشۇمچە قىلىنغان.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 15-ماي، ئامېرىكا يېڭى جېرسىي شىتاتى پىسكاتاۋاي، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما روگس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىغا قاتناشتى، ھەمدە ئۇنىڭغا پەخرى دوكتورلۇق ئۇنۋانى بېرىلدى.
|
![]() |
يۇقىرىقى سۈرەتلەر: بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىكى گېرمانىيە ئارمىيەسى
تۆۋەندىكى سۈرەتلەر: ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىكى گېرمانىيە ئارمىيەسى
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved