ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭى پورشىنكو بىلەن گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركېل ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسىم مەسىلىسىنى ھەل قىلىش جەھەتتە يەنىمۇ ياراشتۇرۇش ئىلىپ بېرىشتا تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئۈچۈن، 10- يانۋار، 11- يانۋار فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدا ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسىم مەسىلىسى بويىچە ئۇچرىشىشىنى كېڭىشىپ بېكىتتى.
ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى تور بېكىتى شۇ كۈنى كەچتە ئېلان قىلغان خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: ئۇكرائىنا بىلەن گېرمانىيە رەھبەرلىرى ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسىم مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ يوللىرى ۋە شەرقىي قىسىم رايونىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلىدۇ، ھەمدە ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ مىنىسكى كېلىشىمىنى يولغا قويۇشتىكى مەيدانىنى ماسلاشتۇرۇشقا قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن،ئۇكرائىنا مەسىلىسى توغرىسىدىكى ئۇچ تەرەپ ئالاقە گۇرۇپپىسىنىڭ يىغىنىنى تېزدىن ئىچىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ.
پورشىنكو مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: چېگرانى تاقاپ، چەتئەل ئارمىيەسى ۋە قوراللىرى چېكىنگەن، تۇتقۇنلار قويۇپ بېرىلگەن ئەھۋالدىلا، ئاندىن ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسىم مەسىلىسىنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىش مۇساپىسىنى ئورۇنلىغىلى بولىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved