چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە ، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوبامانىڭ مومىسى ساراھ ئوباما يېقىندا ب د ت غا بېرىپ ، ئۆزىنىڭ كېنىيەدىكى يۇرتىغا زامانىۋى مائارىپ ۋە داۋالاش مەركىزى قۇرۇش ئۇلۇغۋار ئارزۇسى بارلىقىنى ئېيتماقچىكەن ، ھەمدە ئوباما بىلەنمۇ كۆرۈشىدىكەن .
بۇ يىل 94 ياشقا كىرگەن ساراھ ئىلگىرى مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن : مېنىڭ بىر ئارزۇيۇم بار ، ئۇ بولسىمۇ بىزدىن كېيىنكىلەرنىڭ تېخىمۇ ياخشى مائارىپ ۋە داۋالىنىشتىن بەھرىمەن بولۇشى ئۈچۈن ، ئوبامانىڭ بوۋىسى ۋە دادىسى توغۇلۇپ ئۆسكەن ۋە ۋاپات بولغان جايغا مەكتەپ ۋە دوختۇرخانا سېلىش .
ئىگىلىنىشىچە ، ساراھ ھازىر بىر فوندى جەمئىيەتنىڭ ئىجراچىسى بولۇپ ، ئۇ ئوبامانىڭ ئۆز مومىسى ئەمەس ، بەلكى ئوبامانىڭ دادىسىنىڭ ئۆگەي ئانىسى ئىكەن ، لېكىن بۇ ئۇلار ئارىسىدىكى چوڭقۇر مۇھەببەتكە ھەرگىزمۇ تەسىر كۆرسىتەلمەيدىكەن .
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved