ئافغانىستان پىرېزىدېنت نامزاتى ئابدۇللا 8-سېنتەبىر كۆز بويامچىلىق قىلىش ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن سايلام نەتىجىسىنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئابدۇللا مۇنداق دېدى: ئەگەر يالغان سايلام بېلىتى بىكار قىلىنسا، مەن غەلىبە قىلىمەن. ئۇ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇپ، مەدەنىي ۋاستىلار ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ۋە قوللىغۇچىلىرىنىڭ ھوقۇقىنى قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئابدۇللا يەنە مۇنداق دېدى: ئەشرەف غەنى بىلەن ئىككىمىزنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئىتتىپاقلىق ھۆكۈمىتى قۇرۇش توغرىسىدىكى سۆھبەت قاتمال ھالەتكە چۈشۈپ قالدى.
ئافغانىستان مۇستەقىل سايلام كومىتېتىنىڭ رەئىسى مۇنداق دېدى: ئىككى نامزاتنىڭ ئىتتىپاقلىق ھۆكۈمىتىنى قۇرۇش قۇرلماسلىقىدىن قەتئىي نەزەر، بۇ كومىتېت يېقىندا پىرېزىدېنت سايلىمىنىڭ نەتىجىسىنى ئېلان قىلىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved