خەلق تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى .گوللاندىيە ھۆكۈمىتى شۇ جاي ۋاقتى 17-نويابىر گوللاندىيىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى بىر خۇ فېرمىسىدا H5N8تىپلىق قۇش زۇكۇمى بايقالغانلىقى ،ئالاقىدار تارماقلارنىڭ يۇقۇمنىڭ تارقىلىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تەدبىر قوللىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى .
H5N8تىپلىق قۇش زۇكۇمى بايقالغان توخۇ فېرمىسى گوللاندىيىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى بىر كەنتكە جايلاشقان بۇلۇپ ،گوللاندىيە يېمەكلىك ۋە ئىستىمال بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار خادىملىرى مەزكۇر توخۇ فېرمىسىدا بېقىلىۋاتقان 150 مىڭ توخۇنىڭ ھەممىسىنى ئۆلتۈرۈۋەتتى ،قۇش زۇكۇمى تارقىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن گوللاندىيە ھۆكۈمىتى كەلگۈسى يەتمىش ئىككى سائەت ئىچىدە مەملىكەت دائىرىسىدىكى ئۆي قۇشلىرى راسخوتى ۋە ئالاقىدار سودا سېتىقنى بىكار قىلىش ،ۋە بارلىق ئوۋ ئوۋلاش پائالىيەتلىرىنى چەكلەش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈردىH5N8تىپلىق قۇش زۇكۇمى بايقالغان توخۇ فېرمىسى ئەتراپىدا ئون كىلومېتىر دائىرە ئىچىدىكى رايوندا بۇ بۇيرۇقنىڭ كۈچكە ئىگە بۇلۇش مۇددىتى 30 كۈن بولىدۇ ،مەزكۇر رايون قاتتىق نازارەت قىلىنىپ كونترول قىلىنىدۇ ،ھەمدە بەلگىلىك مۇددەت ئىچىدە تەكشۈرۈلىدۇ .
گوللاندىيىنىڭ ئاممىۋى سەھىيە مۇتەخەسىسى شۇ كۈنى H5N8تىپلىق قۇش زۇكۇمىنىڭ ئىنتايىن تېز يۇقىدىغان ئىنتايىن كۈچلۈك ۋىرۇس ئىكەنلىكى ،گەرچە ھازىرغىچە مەزكۇر ۋىرۇسنىڭ ئادەم بەدىنىگە يۇققانلىقى بايقالمىغان بولسىمۇ ،ئەمما بۇ مۇمكىنچىلىكنى پۈتۈنلەي يوققا چىقىرىشقا بولمايدىغانلىقىنى شۇڭا قۇش تۈرىدىكىلەر بىلەن يېقىنلاشقان كىشىلەر چوقۇم بىخەتەرلىك مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى .
گېرمانىيىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى خېرىن بۇرۇك باخىنخو شىتاتىمۇ 6-نويابىر مەزكۇر شتاتنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى بىر توخۇ فېرمىسىداH5N8تىپلىق قۇش زۇكۇمى بايقالغانلىقىنى جەزملەشتۈردى . خېرىن بۇرۇك باخىنخو شىتاتى يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىكىنىڭ ئېيتىشىچە ،بۇ ياۋروپادا تۇنجى قېتىم كۆرۈلگەن H5N8تىپلىق قۇش زۇكۇمى ئىكەن .
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved